مۇختەسەر تەفسىر
وَلَن يَتَمَنَّوْهُ أَبَدًۢا بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ ۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌۢ بِٱلظَّـٰلِمِينَ ﴿٩٥﴾
ئۇلار دۇنيا ھاياتىدا قىلغان ئاللاھقا كاپىر بولۇش، پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلىش، كىتابنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق يامان ئەمەللىرى سەۋەبىدىن ھەرگىزمۇ ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلمايدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن ۋە ئۇلاردىن باشقا زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھەر بىرىنى قىلمىشىغا يارىشا جازالايدۇ