×

البقرة

ئايەت 94

مۇختەسەر تەفسىر

قُلْ إِن كَانَتْ لَكُمُ ٱلدَّارُ ٱلْـَٔاخِرَةُ عِندَ ٱللَّهِ خَالِصَةً مِّن دُونِ ٱلنَّاسِ فَتَمَنَّوُا۟ ٱلْمَوْتَ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ ﴿٩٤﴾

ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئى يەھۇدىلار! ئاخىرەت دىيارىدا، جەننەت پەقەت سىلەر ئۈچۈن بولۇپ، سىلەردىن باشقا ئىنسانلار كىرمەيدىغان بولسا، مۇشۇ ئالى ئورۇنغا تىزدىن ئېرىشىش ۋە دۇنيا ھاياتىنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرى، غەم-قايغۇلىرىدىن قۇتۇلۇپ راھەتلىنىش ئۈچۈن سىلەرنى جەننەتكە يەتكۈزىدىغان ئۆلۈمنى تەلەپ قىلىڭلار ۋە ئارزۇ قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر مۇشۇ دەۋايىڭلاردا سەمىمى بولساڭلار