×

البقرة

ئايەت 93

مۇختەسەر تەفسىر

وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَـٰقَكُمْ وَرَفَعْنَا فَوْقَكُمُ ٱلطُّورَ خُذُوا۟ مَآ ءَاتَيْنَـٰكُم بِقُوَّةٍ وَٱسْمَعُوا۟ ۖ قَالُوا۟ سَمِعْنَا وَعَصَيْنَا وَأُشْرِبُوا۟ فِى قُلُوبِهِمُ ٱلْعِجْلَ بِكُفْرِهِمْ ۚ قُلْ بِئْسَمَا يَأْمُرُكُم بِهِۦٓ إِيمَـٰنُكُمْ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ ﴿٩٣﴾

ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا چىن ئەھدە ئالدۇق ۋە سىلەرنى قورقۇتۇپ تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلىدۇق. سىلەرگە بەرگەن تەۋراتقا تېرىشچانلىق بىلەن ئەمەل قىلىڭلار، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە بويسۇنۇش ۋە قوبۇل قىلىش تەرىقىسىدە قۇلاق سىلىڭلار، بولمىسا ئۈستۈڭلارغا تاغنى باستۇرىمىز دېدۇق. سىلەر: قۇلىقىمىز بىلەن ئاڭلىدۇق، ھەرىكىتىمىز بىلەن ئاسىيلىق قىلدۇق دىدىڭلار. ئۇلارنىڭ كۇفرىلىق تۈپەيلىدىن دىللىرىغا موزاينىڭ مۇھەببىتى سىڭىپ كەتتى. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا: ئەگەر سىلەر مۆئمىن بولساڭلار، ئىمانىڭلار سىلەرنى ئەجەب يامان ئىشقا بۇيرۇيدىكىنا؟ سىلەر مۆئمىن ئەمەس، چۈنكى ھەقىقى ئىمان بىلەن كۇپىرلىق بىرگە بولمايدۇ