×

البقرة

ئايەت 92

مۇختەسەر تەفسىر

وَلَقَدْ جَآءَكُم مُّوسَىٰ بِٱلْبَيِّنَـٰتِ ثُمَّ ٱتَّخَذْتُمُ ٱلْعِجْلَ مِنۢ بَعْدِهِۦ وَأَنتُمْ ظَـٰلِمُونَ ﴿٩٢﴾

ھەقىقەتەن پەيغەمبىرىڭلار مۇسا ئەلەيھىسسالام سىلەرگە ئۆزىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئوچۇق ئايەتلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئاندىن مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارى بىلەن ئۇچرىشىدىغان جايغا كەتكەندىن كېيىن موزاينى ئىلاھ قىلىپ چوقۇندۇڭلار، سىلەر ئىبادەتكە ھەقلىق بولغان ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلدىڭلار