×

البقرة

ئايەت 96

مۇختەسەر تەفسىر

وَلَتَجِدَنَّهُمْ أَحْرَصَ ٱلنَّاسِ عَلَىٰ حَيَوٰةٍ وَمِنَ ٱلَّذِينَ أَشْرَكُوا۟ ۚ يَوَدُّ أَحَدُهُمْ لَوْ يُعَمَّرُ أَلْفَ سَنَةٍ وَمَا هُوَ بِمُزَحْزِحِهِۦ مِنَ ٱلْعَذَابِ أَن يُعَمَّرَ ۗ وَٱللَّهُ بَصِيرٌۢ بِمَا يَعْمَلُونَ ﴿٩٦﴾

ئى پەيغەمبەر! يەھۇدىلارنى دۇنيا ھەرقانچە خار، ئىتىبارسىز بولسىمۇ ھەممە كىشىلەردىن، ھەتتا ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشكە ئىشىنىدىغان كىتاب ئەھلى تۇرۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىش ۋە ھېسابقا ئىشەنمەيدىغان مۇشرىكلاردىنمۇ بەكراق ھېرىسمەنلىكىنى كۆرۈسەن. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ۋاھالەنكى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن يىراقلاشتۇرالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھقا ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدىن ھېچبىرى مەخپى قالمايدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئۇلارنى جازالايدۇ