مۇختەسەر تەفسىر
لَّا يُؤَاخِذُكُمُ ٱللَّهُ بِٱللَّغْوِ فِىٓ أَيْمَـٰنِكُمْ وَلَـٰكِن يُؤَاخِذُكُم بِمَا كَسَبَتْ قُلُوبُكُمْ ۗ وَٱللَّهُ غَفُورٌ حَلِيمٌ ﴿٢٢٥﴾
ئاللاھ بىلەن قەسەم دېگەنگە ئوخشاش مەقسەتسىز تىلدىلا دىيىلگەن قەسەم ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ، كافارەت بېرىشمۇ كەلمەيدۇ ۋە ھېچقانداق جازامۇ يوق. ئەمما مەقسەتلىك قىلىنغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتىدۇ.ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. ناھايىتى مېھرىبان بولۇپ ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ.