×

البقرة

ئايەت 226

مۇختەسەر تەفسىر

لِّلَّذِينَ يُؤْلُونَ مِن نِّسَآئِهِمْ تَرَبُّصُ أَرْبَعَةِ أَشْهُرٍ ۖ فَإِن فَآءُو فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ ﴿٢٢٦﴾

ئاياللىرىغا يېقىنچىلىق قىلماسلىققا قەسەم ئىچكەن كىشىلەر قەسەم ئىچكەن كۈندىن باشلاپ دەل تۆت ئاي كۈتۈپ تۇرىدۇ. مانا بۇ « ئىيلا » دەپ ئاتىلىدۇ. يېقىنچىلىق قىلماسلىققا قەسەم قىلغان تۆت ئاي مۇددەت ئىچىدە قايتىدىن ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىپ قالسا، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر. شۇڭلاشقا ئۇلارغا قەسەمدىن چىقىش ئۈچۈن كاففارەتنى يولغا قويدى.