×

البقرة

ئايەت 224

مۇختەسەر تەفسىر

وَلَا تَجْعَلُوا۟ ٱللَّهَ عُرْضَةً لِّأَيْمَـٰنِكُمْ أَن تَبَرُّوا۟ وَتَتَّقُوا۟ وَتُصْلِحُوا۟ بَيْنَ ٱلنَّاسِ ۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ ﴿٢٢٤﴾

ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىشنى ياخشىلىق قىلىش، تەقۋالىق ۋە كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى تۈزەشنى چەكلەيدىغان ھۆججەت قىلىۋالماڭلار، بەلكى ياخشىلىقنى تەرك ئېتىشكە قەسەم قىلغان بولساڭلار ياخشىلىقنى قىلىپ قەسىمىڭلارغا كەففارەت بېرىڭلار. ئاللاھ سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرغىچىدۇر ، ئىش ھەرىكەتلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر ۋە ئەمىلىڭلارغا ئاساسەن جازا-مۇكاپات بەرگۈچىدۇر.