×

البقرة

ئايەت 223

مۇختەسەر تەفسىر

نِسَآؤُكُمْ حَرْثٌ لَّكُمْ فَأْتُوا۟ حَرْثَكُمْ أَنَّىٰ شِئْتُمْ ۖ وَقَدِّمُوا۟ لِأَنفُسِكُمْ ۚ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّكُم مُّلَـٰقُوهُ ۗ وَبَشِّرِ ٱلْمُؤْمِنِينَ ﴿٢٢٣﴾

ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن مېۋە چىقىدىغان ئېكىنزارلىققا ئوخشاش بولۇپ ئۇلار سىلەرگە پەرزەنت تۇغۇپ بېرىدۇ. سىلەر ئېكىنزارلىقىڭلارغا ئالدى تەرەپكە كېلىش شەرتى بىلەن خالىغان تەرەپتىن، خالىغىنىڭلارچە كېلىڭلار. ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئالدىنئالا ياخشى ئەمەل تەييارلاڭلار، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە سالىھ پەرزەنت ئۈمىدى بىلەن ئەر كىشىنىڭ ئايالى بىلەن بىرگە بولىشىمۇ ياخشىلىقنىڭ قاتارىدىندۇر. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار. ئاياللار ھەققىدە يولغا قويۇلغان ھۆكۈممۇ بۇنىڭ قاتارىدىندۇر. بىلىڭلاركى سىلەر قىيامەت كۈنى ئاللاھقا ئۇچرىشىسىلەر، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرىسىلەر، ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن سىلەرگە جازا-مۇكاپات بېرىلىدۇ. ئى پەيغەمبەر! مۆمىنلەرگە، رەببىگە ئۇچراشقاندا ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان ئۈزۈلمەس نېئمەتلەر ۋە ئاللاھنىڭ مۇبارەك يۈزىگە قاراش بىلەن بىشارەت بەرگىن.