مۇختەسەر تەفسىر
وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهِم مَّطَرًا ۖ فَٱنظُرْ كَيْفَ كَانَ عَـٰقِبَةُ ٱلْمُجْرِمِينَ ﴿٨٤﴾
بىز ئۇلارغا شۇنداق قاتتىق بىر يامغۇر ياغدۇردۇقكى، ئۇلارنى لايدىن پىشۇرۇلغان تاشلار بىلەن ئاتتۇق، يېزىنى پۈتۈنلەي دۈم كۆمتۈرۈپ، ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق. ئەي پەيغەمبەر! لۇتنىڭ جىنايەتچى قەۋمىنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنى ئويلىنىپ باققىن. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھالاكەت ۋە ئەبەدىي رەسۋاچىلىق بولدى.