مۇختەسەر تەفسىر
فَأَنجَيْنَـٰهُ وَأَهْلَهُۥٓ إِلَّا ٱمْرَأَتَهُۥ كَانَتْ مِنَ ٱلْغَـٰبِرِينَ ﴿٨٣﴾
بىز لۇتنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى ئازاب چۈشىدىغان شەھەردىن كېچىچە چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇش ئارقىلىق قۇتقۇزدۇق، لېكىن لۇتنىڭ ئايالى قەۋمى بىلەن بىرگە قېپقالغاچقا، شۇلار بىلەن ئوخشاش ئازابقا دۇچار بولدى.