×

المائدة

ئايەت 15

مۇختەسەر تەفسىر

يَـٰٓأَهْلَ ٱلْكِتَـٰبِ قَدْ جَآءَكُمْ رَسُولُنَا يُبَيِّنُ لَكُمْ كَثِيرًا مِّمَّا كُنتُمْ تُخْفُونَ مِنَ ٱلْكِتَـٰبِ وَيَعْفُوا۟ عَن كَثِيرٍ ۚ قَدْ جَآءَكُم مِّنَ ٱللَّهِ نُورٌ وَكِتَـٰبٌ مُّبِينٌ ﴿١٥﴾

ئى تەۋرات ساھىبى يەھۇدىيلار ۋە ئىنجىل ساھىبى ناسارالاردىن بولغان ئەھلى كىتابلار! سىلەرگە نازىل قېلىنغان كىتابتىن سىلەر يوشۇرغان نەرسىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان، سىلەرگە پايدىسى بولمايدىغان ۋە پەقەت سىلەرنى رەسۋا قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى كەچۈرىدىغان بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كەلدى. ئۇ ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن قۇرئاندىن ئىبارەت كىتابنى ئېلىپ كەلدى، قۇرئان يورۇقلۇق ئالىدىغان نۇردۇر، ئىنسانلارغا دۇنيا-ئاخىرەتلىك ئىشلىرىدا ئېھتىياجلىق بولىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى بايان قىلىپ .بېرىدىغان كىتابتۇر