×

المائدة

ئايەت 14

مۇختەسەر تەفسىر

وَمِنَ ٱلَّذِينَ قَالُوٓا۟ إِنَّا نَصَـٰرَىٰٓ أَخَذْنَا مِيثَـٰقَهُمْ فَنَسُوا۟ حَظًّا مِّمَّا ذُكِّرُوا۟ بِهِۦ فَأَغْرَيْنَا بَيْنَهُمُ ٱلْعَدَاوَةَ وَٱلْبَغْضَآءَ إِلَىٰ يَوْمِ ٱلْقِيَـٰمَةِ ۚ وَسَوْفَ يُنَبِّئُهُمُ ٱللَّهُ بِمَا كَانُوا۟ يَصْنَعُونَ ﴿١٤﴾

يەھۇدىيلاردىن چىن ئەھدە ئالغانغا ئوخشاش، ئۆزىنى بىز ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى دەپ پاكلىغانلاردىنمۇ ئەھدە ئالدۇق، ئۇلار ئىلگىرىكى يەھۇدىيلارنىڭ قىلمىشىغا ئوخشاش بۇيرۇلغان نەرسىنىڭ بەزىلىرىگە ئەمەل قىلمىدى. قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قاتتىق ئۆچمەنلىك ۋە دەتالاشنى تاشلىدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغان ۋە بەزىسى بەزىسىنى كاپىرغا چېقىرىدىغان بولدى. قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن خەۋەر بېرىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئۇلارنى جازالايدۇ.