مۇختەسەر تەفسىر
قَالُوا۟ ٱدْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّن لَّنَا مَا هِىَ ۚ قَالَ إِنَّهُۥ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ لَّا فَارِضٌ وَلَا بِكْرٌ عَوَانٌۢ بَيْنَ ذَٰلِكَ ۖ فَٱفْعَلُوا۟ مَا تُؤْمَرُونَ ﴿٦٨﴾
ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە ئۆلتۈرىدىغان كالىنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ بەرسۇن دېدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئاللاھ ئۇنى قېرىمۇ ئەمەس، ياشمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا ياش بولسۇن دەپ ئېيتتى، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ بۇيرىقىنى ئورۇنداشقا ئالدىراڭلار دېدى