×

البقرة

ئايەت 67

مۇختەسەر تەفسىر

وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِۦٓ إِنَّ ٱللَّهَ يَأْمُرُكُمْ أَن تَذْبَحُوا۟ بَقَرَةً ۖ قَالُوٓا۟ أَتَتَّخِذُنَا هُزُوًا ۖ قَالَ أَعُوذُ بِٱللَّهِ أَنْ أَكُونَ مِنَ ٱلْجَـٰهِلِينَ ﴿٦٧﴾

ئاتا-بوۋاڭلار بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام ئارىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئەسلەڭلار، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئاللاھنىڭ كالا ئۆلتۈرۈڭلار دېگەن بۇيرىقىنى يەتكۈزگەندە، ئۇلار بۇيرۇقنى ئورۇنداشقا ئالدىرماستىن، كاجلىق قىلىپ، بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن دەيدۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالام: مەن ئاللاھنى ئىنكار قىلىدىغان ۋە كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىدىغان نادانلاردىن بولۇپ قىلىشتىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن دېدى