×

الإسراء

ئايەت 96

مۇختەسەر تەفسىر

قُلْ كَفَىٰ بِٱللَّهِ شَهِيدًۢا بَيْنِى وَبَيْنَكُمْ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ بِعِبَادِهِۦ خَبِيرًۢا بَصِيرًا ﴿٩٦﴾

ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى: ئاللاھ تائالا مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا مېنىڭ سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىم ھەمدە سىلەرگە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان ھەقىقەتنى يەتكۈزگەنلىكىمگە گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ، ئۇ بەندىلەرنىڭ دىللىرىغا يوشۇرغان ھەر قانداق مەخپىي سىرلىرىنىمۇ كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.