×

الإسراء

ئايەت 95

مۇختەسەر تەفسىر

قُل لَّوْ كَانَ فِى ٱلْأَرْضِ مَلَـٰٓئِكَةٌ يَمْشُونَ مُطْمَئِنِّينَ لَنَزَّلْنَا عَلَيْهِم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ مَلَكًا رَّسُولًا ﴿٩٥﴾

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا جاۋابەن ئېيتقىنكى، مۇبادا زېمىندا ئولتۇراقلاشقان ۋە سىلەردەك خاتىرجەم مېڭىپ يۈرىدىغان پەرىشتىلەر بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە بىز ئۇلارغا پەرىشتىلەرنىڭ ئۆز تىپىدىن بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولاتتۇق. چۈنكى پەرىشتىلەرگە پەقەت پەرىشتىلا مەقسىتىنى چۈشەندۈرەلەيدۇ. ئۇ چاغدا بىزنىڭ پەرىشتىلەرگە ئىنسان تىپىدىن ئەلچى ئەۋەتىشىمىزمۇ ئاقىلانىلىك بولمايتتى. سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر.