مۇھەممەد سالىھ — 575
73:20 (ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغانلارنىڭ (يەنى ساھابىلەر) دىن بىر توپ ئادەمنىڭ (تەھەججۇد نامىزى ئۈچۈن) كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسىدە، يېرىمىدا ۋە ئۈچتىن بىر ھەسسىسىدە تۇرىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ (ئۇزۇنلۇقى) نى ئاللاھ ئالدىنئالا بەلگىلەيدۇ، سىلەرنىڭ ئۇنى ھېسابلاپ بولالمايدىغانلىقىڭلارنى ئاللاھ بىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە رەھىم قىلدى قۇرئاندىن سىلەرگە قولاي بولغاننى ئوقۇڭلار. ئاللاھ بىلىدۇكى، بەزىڭلار كېسەل بولۇپ قالىسىلەر، بەزىلەر ئاللاھنىڭ پەزلىنى تىلەپ (يەنى تىجارەت قىلىپ) يەر يۈزىدە سەپەر قىلىدۇ، يەنى بەزىلەر ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن (يەنى تەھەججۇد نامىزىدىن) قولاي بولغاننى ئوقۇڭلار، (پەرز) نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بېرىڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل ـ مال سەرپ قىلىڭلار)، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن (دۇنيادا) قايسىبىر ياخشى ئىشنى قىلساڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كاتتا ساۋابقا ئېرىشىسىلەر (دۇنيا بولسا پانىيدۇر، ئاخىرەت بولسا باقىيدۇر. ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ھەممىدىن ئارتۇقتۇر). ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(20).
74:1 ئى (ۋەھىي نازىل بولغان چاغدا) كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!)(1)
74:2 تۇر! (ئىنسانلارنى) ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر(2).
74:3 پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا(3).
74:4 كىيىمىڭنى پاك تۇت(4).
74:5 ئازابتىن (يەنى ئازابقا قالدۇرىدىغان ئىشلاردىن) يىراق بول(5).
74:6 كۆپ ئېلىش نىيىتىدە بەرمە (يەنى بىر كىشىگە بىرەر سوۋغا بەرسەڭ، ئۇنىڭدىن بەرگەن نەرسەڭدىن كۆپرەك نەرسە ئېلىشنى تەمە قىلما)(6)،
74:7 پەرۋەردىگارىڭنىڭ (رازىلىقى) ئۈچۈن (قەۋمىڭدىن يەتكەن ئەزىيەتكە) سەۋر قىل(7).
74:8 سۇر چېلىنغان ۋاقىت ـ ئۇ كۈن قىيىن كۈندۇر(8ـ9).
74:9 سۇر چېلىنغان ۋاقىت ـ ئۇ كۈن قىيىن كۈندۇر(8ـ9).
74:10 كاپىرلارغا ئاسان ئەمەستۇر(10).
74:11 (ئى مۇھەممەد!) مەن تەنھا ياراتقان كىشىنى (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرەنى) ماڭا قويۇۋەت(11).
74:12 ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال بەردىم(12).
74:13 ئۇنىڭغا كۆز ئالدىدا تۇرىدىغان ئوغۇللارنى بەردىم(13).
74:14 ئۇنىڭ ئابرويىنى ئۆستۈردۈم(14).
74:15 ئاندىن ئۇ يەنە كۆپ بېرىشىمنى تەمە قىلىدۇ(15).
74:16 ياق، (يەنى ئۇنىڭ خالىغىنى بولمايدۇ)، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە قارشى چىقتى(16).
74:17 ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابىمنى تېتىتىمەن(17).
74:18 ئۇ (پەيغەمبەر ۋە قۇرئان ھەققىدە) ئويلاندى، (قۇرئان توغرۇلۇق نېمە دېيىشنى ۋە قانداق بوھتان قىلىشنى) پىلانلىدى(18).