>

مۇھەممەد سالىھ — 547

59:10 ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۆمىنلەرگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىمىز! سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، مېھرىبانسەن» دەيدۇ(10).

59:11 مۇناپىقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى) ئىنكار قىلغان ئەھلى كىتاب بۇرادەرلىرىگە: «يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋېتىلسەڭلار، بىز چوقۇم سىلەر بىلەن بىرگە چىقىپ كېتىمىز، ھەرگىز سىلەرنىڭ زىيىنىڭلار ھېسابىغا باشقا ئادەمگە ئىتائەت قىلمايمىز، سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلسا چوقۇم سىلەرگە ياردەم بېرىمىز» دېيىشكەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر(11).

59:12 ئەگەر ئۇلار ھەيدەپ چىقىرىلسا، مۇناپىقلار ئۇلار بىلەن بىللە چىقمايدۇ، ئەگەر ئۇلارغا ئۇرۇش ئېچىلسا، مۇناپىقلار ئۇلارغا ياردەم بەرمەيدۇ، بەرگەن تەقدىردىمۇ يۈز ئۆرۈپ قاچىدۇ، ئەھلى كىتاب ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ(12).

59:13 شۈبھىسىزكى، سىلەر ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ئاللاھقا قارىغاندىمۇ قورقۇنچلۇقسىلەر (يەنى ئۇلار سىلەردىن ئاللاھتىن قورققاندىنمۇ بەك قورقىدۇ)، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھنىڭ (ئۇلۇغلۇقىنى) چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر(13).

59:14 ئۇلار پەقەت مۇستەھكەم شەھەر ئىچىدە ياكى تاملارنىڭ ئارقىسىدا تۇرغاندىلا، ئاندىن سىلەرگە قارشى بىرلىشىپ ئۇرۇش قىلالايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشى ئۆز ئىچىدە قاتتىقتۇر، ئۇلارنى ئۆم دەپ ئويلايسەن، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ دىللىرى تارقاقتۇر، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر(14).

59:15 ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) ئۇلاردىن ئىلگىرى يېقىندىلا ئۆتكەن، قىلمىشلىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىغانلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا) ئوخشايدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ(15).

59:16 ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار يەھۇدىيلارنى ئۇرۇشقا قىزىقتۇرۇشتا) شەيتانغا ئوخشايدۇ، ئۆز ۋاقتىدا شەيتان ئىنسانغا: «كاپىر بولغىن» دېدى. ئىنسان كاپىر بولغان چاغدا، شەيتان: «مەن سەندىن ئادا ـ جۇدامەن، مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن قورقىمەن» دېدى(16).