>

مۇھەممەد سالىھ — 501

45:23 (ئى مۇھەممەد!) ماڭا نەپسى خاھىشنى ئىلاھ قىلىۋالغان، ئاللاھ ئازدۇرغان، (ھەقنى) بىلىپ تۇرغان، ئاللاھ قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن ۋە كۆزىنى پەردىلىگەن ئادەمنى ئېيتىپ بەرگىن، ئاللاھ ئازدۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ سىلەر (بۇلاردىن) ۋەز ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟(23)

45:24 ئۇلار (يەنى قىيامەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار): «ھايات دېگەن پەقەت دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز (يەنى تۇغۇلىمىز). پەقەت زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوق بولىمىز» (دەيدۇ). ئۇلار بۇ خۇسۇستا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت گۇمان بىلەن سۆزلەيدۇ(24).

45:25 ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوچۇق ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ پاكىتى پەقەت «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار (يەنى تىرىلدۈرۈڭلار)» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى(25).

45:26 (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرەلەيدۇ، ئاندىن (ئەجىلىڭلار پۈتكەندە) ۋاپات قىلدۇرالايدۇ، ئاندىن شەك ـ شۈبھىسىز قىيامەت كۈنىدە سىلەرنى يىغىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) بىلمەي (قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلدى)»(26).

45:27 ئاسمانلار بىلەن زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە كاپىرلار زىيان تارتىدۇ(27).

45:28 ھەر ئۈممەتنى (قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن) تىزلانغان ھالدا كۆرىسەن، ھەر ئۈممەت ئۆزىنىڭ نامە ـ ئەمالىغا چاقىرىلىدۇ، (ئۇلارغا) «بۈگۈن قىلمىشىڭلارغا يارىشا مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر ياكى جازاغا ئۇچرايسىلەر» (دېيىلىدۇ)(28).

45:29 بۇ بىزنىڭ كىتابىمىز (يەنى نامە ـ ئەمال) سىلەرگە ھەق بىلەن سۆزلەيدۇ، بىز قىلمىشىڭلارنى يازدۇرۇپ تۇرغان ئىدۇق (يەنى پەرىشتىلەرنى ئەمەللىرىڭلارنى يېزىپ تۇرۇشقا بۇيرۇيتتۇق)(29).

45:30 ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارغا كەلسەك، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى ئۆزىنىڭ رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، بۇ روشەن مۇرادقا يېتىشتۇر(30).

45:31 كاپىرلارغا كەلسەك، (ئۇلارنى ئەيىبلەش يۈزىسىدىن) ئۇلارغا: «مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلمىدىمۇ؟ سىلەر چوڭچىلىق قىلىپ (ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتتىڭلار، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن قەۋم ئىدىڭلار» (دېيىلىدۇ)(31).

45:32 (سىلەرگە) «ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، قىيامەتتە (يەنى قىيامەتنىڭ بولۇشىدا) ھېچ شەك يوق» دېيىلسە، سىلەر (ھەددىدىن زىيادە سەركەشلىكىڭلاردىن): «قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، پەقەت ئۇنى بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىمىز، (ئۇنىڭغا) بىز ھەقىقىي ئىشەنمەيمىز» دېدىڭلار(32).