>

مۇھەممەد سالىھ — 395

28:78 قارۇن: «مېنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بولغانلىقتىن بۇ بايلىققا ئېرىشتىم» دېدى. قارۇندىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن ئۇنىڭغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك، توپلىغان (مېلى) تېخىمۇ كۆپ بولغان كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ ھالاك قىلغانلىقىنى ئۇ بىلمىدىمۇ؟ گۇناھكارلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ سورىلىشى (ئاللاھ بۇنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن) ھاجەتسىزدۇر(78).

28:79 قارۇن ئۆز قەۋمىنىڭ ئالدىغا بارلىق زىننىتى بىلەن ھەشەمەتلىك ھالدا چىقتى. دۇنيا تىرىكچىلىكىنى كۆزلەيدىغانلار: «كاشكى بىزگە قارۇنغا بېرىلگەندەك بايلىق بېرىلسىچۇ! ئۇ ھەقىقەتەن (دۇنيالىقتىن) چوڭ نېسىۋىگە ئىگە ئىكەن» دېدى(79).

28:80 ئىلىملىك كىشىلەر: «ۋاي سىلەرگە! ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەلنى قىلغان كىشىگە ئاللاھنىڭ ساۋابى ياخشىدۇر. ئۇ ساۋاب پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغىلا بېرىلىدۇ» دېدى(80).

28:81 قارۇننى ئۇنىڭ ئۆيى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى دەپئى قىلىدىغان بىر جامائە بولمىدى. قارۇن ئۆزىنى قوغدىيالمىدى(81).

28:82 تۈنۈگۈن تېخى قارۇننىڭ دەرىجىسىنى ئارزۇ قىلغانلار دېيىشتىكى، «پاھ، كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدىكەن، (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدىكەن، ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلمىغان (يەنى ئارزۇ قىلغىنىمىزنى بەرگەن) بولسا ئىدى، بىزنى ئەلۋەتتە يەر يۇتاتتى، ۋاي كۆردۈڭمۇ؟ كاپىرلار نىجات تاپمايدۇ»(82).

28:83 ئەنە شۇ ئاخىرەت يۇرتىنى يەر يۈزىدە چوڭچىلىق قىلىشنى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى كۆزلىمەيدىغانلارغا خاس قىلدۇق، (ياخشى) ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر(83).

28:84 كىمكى ياخشى ئىش قىلغان ئىكەن، ئۇ قىلغان ئىشلىرىدىنمۇ ياخشى مۇكاپاتقا (يەنى قىلغان ياخشىلىقىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا) ئېرىشىدۇ، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن، يامان ئىش قىلغانلارغا پەقەت قىلغان ئىشلىرىغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ(84).