مۇھەممەد سالىھ — 371
26:84 كېيىنكىلەر ئارىسىدا ياخشى نامىمنى قالدۇرغىن(84).
26:85 مېنى نازۇ-نېمەتلىك جەننەتنىڭ ۋارىسلىرىدىن قىلغىن(85).
26:86 ئاتامغا مەغپىرەت قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن گۇمراھلاردىن بولدى(86).
26:87 ئۇلار (يەنى خالايىقلار) (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) تىرىلدۈرىلىدىغان كۈندە مېنى رەسۋا قىلمىغىن(87).
26:88 ئۇ كۈنى (ھېچ كىشىگە) مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ(88).
26:89 پەقەت (ئاللاھنىڭ دەرگاھى) غا پاك قەلب بىلەن كەلگەن ئادەمگىلا پايدا يەتكۈزۈلىدۇ»(89).
26:90 جەننەت تەقۋادارلارغا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ(90).
26:91 دوزاخ گۇمراھلارغا ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ(91).
26:92 ئۇلارغا: «سىلەر ئىلگىرى ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسەڭلار قەيەردە؟ ئۇلار سىلەرگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟ يا ئۆزلىرىگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟» دېيىلىدۇ(92ـ93).
26:93 ئۇلارغا: «سىلەر ئىلگىرى ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسەڭلار قەيەردە؟ ئۇلار سىلەرگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟ يا ئۆزلىرىگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟» دېيىلىدۇ(92ـ93).
26:94 بۇتلار، گۇمراھلار ۋە ئىبلىسنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھەممىسى دوزاخقا ئۈستى ـ ئۈستىلەپ تاشلىنىدۇ(94ـ95).
26:95 بۇتلار، گۇمراھلار ۋە ئىبلىسنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھەممىسى دوزاخقا ئۈستى ـ ئۈستىلەپ تاشلىنىدۇ(94ـ95).
26:96 ئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدۇق(96ـ97).
26:97 ئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدۇق(96ـ97).
26:98 ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى (ئىبادەتتە) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا قوياتتۇق(98).
26:99 بىزنى پەقەت گۇناھكارلارلا ئازدۇردى(99).
26:100 شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلار يوق(100).
26:101 ۋە يېقىن دوستمۇ يوق(101).
26:102 ئەگەر بىزگە (دۇنياغا) قايتىشقا بولسا ئىدى، بىز مۆمىنلەردىن بولاتتۇق»(102).
26:103 شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا (يەنى ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ قىسسەسىدە) (ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن) ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى(103).
26:104 سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(104).
26:105 نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى(105).
26:106 ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى نۇھ ئېيتتى: «سىلەر (ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟(106).
26:107 مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق بىر پەيغەمبەرمەن(107).
26:108 سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار(108).
26:109 تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن(109).
26:110 ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار»(110).
26:111 ئۇلار: «(ئى نۇھ!) ساڭا تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەر ئەگەشكەن تۇرسا، ساڭا بىز ئىمان ئېيتامدۇق؟» دېدى(111).