مۇھەممەد سالىھ — 352
24:21 ئى مۆمىنلەر! شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار، كىمكى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىدىكەن، شەيتان ئۇنى قەبىھ (سۆز ـ ھەرىكەتلەر) گە، يامان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، سىلەردىن ھېچ ئادەم ئەبەدىي پاك بولماس ئىدى ۋەلېكىن ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ (سۆزلىرىڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(21).
24:22 ئاراڭلاردا ئەھلى كەرەم ۋە دۆلەتمەن بولغانلار خىش ـ ئەقرىبالارغا، مىسكىنلەرگە ۋە دىن يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا (بىر نەرسە) بەرمەسلىككە قەسەم قىلمىسۇن، (ئۇلارنىڭ گۇناھىنى) ئەپۇ قىلسۇن، كەچۈرسۇن، ئاللاھنىڭ سىلەرگە مەغپىرەت قىلىشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(22).
24:23 يامان ئىشتىن بىخەۋەر، ئىپپەتلىك، مۆمىن ئاياللارغا قارا چاپلايدىغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چوقۇم لەنەتكە ئۇچرايدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنىدۇ)، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ(23).
24:24 شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇلارنىڭ تىللىرى، قوللىرى ۋە پۇتلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ(24).
24:25 شۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا تولۇق تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئاشكارا ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ(25).
24:26 يامان ئاياللار يامان ئەرلەرگە لايىقتۇر، يامان ئەرلەر يامان ئاياللارغا لايىقتۇر، ياخشى ئاياللار ياخشى ئەرلەرگە لايىقتۇر، ياخشى ئەرلەر ياخشى ئاياللارغا لايىقتۇر، ئەنە شۇلار ئۇلارنىڭ چاپلىغان بوھتانلىرىدىن پاكتۇر، ئۇلار مەغپىرەتتىن، (نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردىكى) ئېسىل رىزىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ(26).
24:27 ئى مۆمىنلەر! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە (كىرىشكە) ئىجازەت سورىمىغىچە ۋە ئۆي ئىگىسىگە سالام بەرمىگۈچە كىرمەڭلار، ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشىڭلار (يەنى بۇ گۈزەل ئەخلاق ـ ئەدەبكە ئەمەل قىلىشىڭلار) ئۈچۈن بۇ (يەنى ئىجازەت سوراپ ۋە سالام بېرىپ كىرىش ئۇشتۇمتۇت كىرىشتىن) سىلەرگە ياخشىدۇر(27).