مۇھەممەد سالىھ — 21
2:135 ئۇلار: «يەھۇدىي ياكى ناسارا بولۇڭلار، توغرا يول تاپىسىلەر» دەيدۇ. «ئۇنداق ئەمەس، بىز ئىبراھىمنىڭ ئىسلامغا ئۇيغۇن دىنىغا ئەگىشىمىز، ئۇ مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دېگىن(135).
2:136 ئېيتىڭلاركى، «ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىيساغا بېرىلگەن (ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن (كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز ئاللاھقىلا بويسۇنغۇچىلارمىز»(136).
2:137 ئەگەر ئۇلار (يەنى ئەھلى كىتاب) سىلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتسا، ئەلۋەتتە توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە، (سەن بىلەن) ئاداۋەتتە بولغان بولىدۇ، ئۇلارغا قارشى ئاللاھ ساڭا كۇپايىدۇر. ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ھىيلە ـ مىكرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(137).
2:138 ئاللاھنىڭ دىنىدا چىڭ تۇرۇڭلار، ئاللاھنىڭ دىنىدىن ياخشى كىمنىڭ دىنى بار؟ بىز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلغۇچىلارمىز(138).
2:139 «بىز بىلەن ئاللاھ توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ ھەم بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، ھەم سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر. بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، بىز ئاللاھقىلا سادىقمىز» دېگىن(139).
2:140 «ياكى ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا ئىدى» دەمسىلەر؟ ئېيتقىنكى، «(ئۇلارنىڭ قايسى دىندا ئىكەنلىكىنى) سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر؟ ياكى ئاللاھ ئوبدان بىلەمدۇ؟ قولىدا ئاللاھ نازىل قىلغان دەلىل ـ ئىسپات تۇرۇپ ئۇنى يوشۇرغان ئادەمدىن زالىم كىم بار؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر»(140).
2:141 ئۇلار ئۆتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر. ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا سىلەر جاۋابكار ئەمەس(141).