>

مۇھەممەد سالىھ — 18

2:113 يەھۇدىيلار: «ناسارالارنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق (يەنى ئۇلار توغرا دىندا ئەمەس)» دېدى. ناسارالارمۇ: «يەھۇدىيلارنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق (يەنى ئۇلار توغرا دىندا ئەمەس)» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار كىتابنى (يەنى يەھۇدىيلار تەۋراتنى، ناسارالار ئىنجىلنى) ئوقۇيدۇ، بىلىمسىز ئادەملەر (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرى) مۇ ئۇلار دېگەندەك دېدى، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ(113).

2:114 ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدە ئاللاھنىڭ نامىنىڭ ياد قىلىنىشىنى توسقان ۋە ئۇلارنى ۋەيران قىلىشقا ئورۇنغانلاردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ مەسجىدلەرگە ئۇلارنىڭ پەقەت قورققان ھالدىلا كىرىشى لايىق ئىدى. ئۇلار دۇنيادا رەسۋا بولىدۇ. ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا (يەنى دوزاخ ئازابىغا) دۇچار بولىدۇ(114).

2:115 مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ (يەنى پۈتۈن يەر يۈزى) ئاللاھنىڭدۇر، قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلەرمۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ تەرىپى (يەنى سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسى) دۇر. ئاللاھ (نىڭ مەغپىرىتى) ھەقىقەتەن كەڭدۇر، (ئاللاھ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر(115).

2:116 ئۇلار (يەھۇدىيلار، ناسارالار، مۇشرىكلار): «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئاللاھ (ئۇلارنىڭ گۇمان قىلغان نەرسىسىدىن) پاكتۇر. ئۇنداق ئەمەس، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ھەممىسى ئۇنىڭغا بويسۇنغۇچىدۇر(116).

2:117 ئاللاھ ئاسمانلار ۋە زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچىدۇر. بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا، «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ(117).

2:118 بىلمەيدىغانلار (قۇرەيش كاپىرلىرى): «ئاللاھ نېمە ئۈچۈن بىز بىلەن سۆزلەشمەيدۇ؟ ياكى نېمە ئۈچۈن بىزگە (راست پەيغەمبەرلىكنىڭ دەلىلى سۈپتىدە) بىرەر مۆجىزە كەلمەيدۇ؟» دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىگە) شۇنداق سۆزنى قىلغان ئىدى؛ ئۇلارنىڭ دىللىرى بىر ـ بىرىگە ئوخشايدۇ. ھەقىقەتەن بىز ئايەتلىرىمىزنى جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن بايان قىلدۇق(118).

2:119 بىز سېنى ھەقىقەتەن (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارنى دوزاخ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھەق (دىن) بىلەن ئەۋەتتۇق. سەن ئەھلى دوزاخ (يەنى كاپىرلاردىن ئىمان ئېيتمىغانلار) توغرىسىدا جاۋابكار ئەمەسسەن(119).