>

مۇھەممەد سالىھ — 132

6:36 (سۆزۈڭگە) ھەقىقىي قۇلاق سالىدىغانلار (سېنىڭ دەۋىتىڭنى) قوبۇل قىلىدۇ (سۆزۈڭگە قۇلاق سالمىغانلار ئۆلۈكلەرنىڭ ئورنىدا)، ئۆلۈكلەرنى ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ(36).

6:37 ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى): «نېمىشقا مۇھەممەدكە پەرۋەردىگارىدىن بىر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ، ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مۆجىزە چۈشۈرۈشكە ھەقىقەتەن قادىر». لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (مۆجىزە نازىل بولۇپ ئىمان ئېيتمىسا بالاغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى) بىلمەيدۇ(37).

6:38 مەيلى يەر يۈزىدە ماڭىدىغان ھايۋان بولسۇن، مەيلى ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچىدىغان ئۇچار قۇش بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە ئوخشاش ئۈممەتلەردۇر (يەنى ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان مەخلۇقلاردۇر). لەۋھۇلمەھپۇزدا ھېچ نەرسىنى چۈشۈرۈپ قويمىدۇق (يەنى ھەممىنى تولۇق پۈتتۇق)، كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىدۇ (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ)(38).

6:39 بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار گاسلاردۇر (يەنى قوبۇل قىلىش يۈزىسىدىن ئاڭلىمايدۇ)، گاچىلاردۇر (يەنى ھەقنى سۆزلىمەيدۇ). ئۇلار (كۇفرىنىڭ) قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە قالغانلاردۇر، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى (زالالەتنى ئىختىيار قىلغانلىقى ئۈچۈن) ئازدۇرىدۇ، خالىغان ئادەمنى (ھىدايەتنى ئىختىيار قىلغانلىقى ئۈچۈن) توغرا يولغا سالىدۇ(39).

6:40 (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار ئېيتىپ بېقىڭلار، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ياكى قىيامەت كەلسە، ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىلتىجا قىلامسىلەر؟(40).

6:41 ئۇنداق ئەمەس، سىلەر پەقەت ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىسىلەر، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەر ئاللاھنىڭ كۆتۈرۈۋېتىشىنى ئىلتىجا قىلغان بالانى ئاللاھ كۆتۈرۈۋېتىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى قىلىۋالغىنىڭلارنى ئۇنتۇيسىلەر»(41).

6:42 شەك ـ شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە (نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتتۇق (ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى). ئۇلارنى (ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ) يېلىنسۇن دەپ نامراتلىق ۋە ئاغرىق ـ سىلاق بىلەن جازالىدۇق(42).

6:43 ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىز چۈشكەن چاغدا نېمىشقا يېلىنمىدى؟ ئۇلارنىڭ دىللىرى قەساۋەتلەشتى (ئىمانغا يۇمشىمىدى)، شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى(43).

6:44 ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنى ئۇنتۇغان چاغدا، ئۇلارغا (سىناش ئۈچۈن) پاراۋانلىقنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق، ئۇلار تاكى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېمەتلەردىن (كۆرەڭلەپ) خۇشال ـ خۇرام تۇرغاندا (ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق)، ئۇلار ھەسرەتتە قالدى(44).