>

مۇھەممەد سالىھ — 599

98:6 ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن كاپىر بولغانلار ھەقىقەتەن دوزاخقا كىرىدۇ. دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ يامىنىدۇر(6).

98:7 ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ـ ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ ياخشىسىدۇر(7).

98:8 ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا بېرىلىدىغان مۇكاپات (ئۇلارنىڭ) تۇرار جايى بولغان، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇركى، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ. بۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن قورققان ئادەم ئېرىشىدۇ(8).

99:1 زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەندە(1)،

99:2 زېمىن (قوينىدىكى) يۈكلىرىنى (يەنى مەدەنلەر، ئوتلار، ئۆلۈكلەرنى) چىقارغاندا(2)،

99:3 ئىنسان ئۇنىڭغا (يەنى زېمىنغا): «نېمە بولدى؟» دېگەندە(3)،

99:4 بۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى (يەنى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىشلەنگەن ياخشى ـ يامان ئىشلارنى) مەلۇم قىلىدۇ(4).

99:5 (ئۇنىڭ مەلۇم قىلىشى) پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇنى شۇنداق قىلىشقا ئەمر قىلغانلىقىدىندۇر(5).

99:6 بۇ كۈندە كىشىلەر قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن توپ ـ توپ بولۇپ تارىلىپ كېتىدۇ(6).

99:7 كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ(7).

99:8 كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ(8).

100:1 (غازىلارنىڭ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىشىدا) ھاسىراپ يۈگۈرگۈچى، (قاتتىق يۈگۈرگەنلىكتىن) تۇۋاقلىرىدىن ئوت چىقارغۇچى، ئەتىگەندە (دۈشمەن ئۈستىگە) باستۇرۇپ كىرگۈچى، (قاتتىق چاپقانلىقتىن) توپا ـ چاڭ چىقارغۇچى، شۇ توپا ـ چاڭ بىلەن دۈشمەن توپى ئىچىگە كىرىپ كەتكۈچى ئاتلار بىلەن قەسەمكى(1ـ5)،

100:2 (غازىلارنىڭ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىشىدا) ھاسىراپ يۈگۈرگۈچى، (قاتتىق يۈگۈرگەنلىكتىن) تۇۋاقلىرىدىن ئوت چىقارغۇچى، ئەتىگەندە (دۈشمەن ئۈستىگە) باستۇرۇپ كىرگۈچى، (قاتتىق چاپقانلىقتىن) توپا ـ چاڭ چىقارغۇچى، شۇ توپا ـ چاڭ بىلەن دۈشمەن توپى ئىچىگە كىرىپ كەتكۈچى ئاتلار بىلەن قەسەمكى(1ـ5)،

100:3 (غازىلارنىڭ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىشىدا) ھاسىراپ يۈگۈرگۈچى، (قاتتىق يۈگۈرگەنلىكتىن) تۇۋاقلىرىدىن ئوت چىقارغۇچى، ئەتىگەندە (دۈشمەن ئۈستىگە) باستۇرۇپ كىرگۈچى، (قاتتىق چاپقانلىقتىن) توپا ـ چاڭ چىقارغۇچى، شۇ توپا ـ چاڭ بىلەن دۈشمەن توپى ئىچىگە كىرىپ كەتكۈچى ئاتلار بىلەن قەسەمكى(1ـ5)،

100:4 (غازىلارنىڭ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىشىدا) ھاسىراپ يۈگۈرگۈچى، (قاتتىق يۈگۈرگەنلىكتىن) تۇۋاقلىرىدىن ئوت چىقارغۇچى، ئەتىگەندە (دۈشمەن ئۈستىگە) باستۇرۇپ كىرگۈچى، (قاتتىق چاپقانلىقتىن) توپا ـ چاڭ چىقارغۇچى، شۇ توپا ـ چاڭ بىلەن دۈشمەن توپى ئىچىگە كىرىپ كەتكۈچى ئاتلار بىلەن قەسەمكى(1ـ5)،

100:5 (غازىلارنىڭ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىشىدا) ھاسىراپ يۈگۈرگۈچى، (قاتتىق يۈگۈرگەنلىكتىن) تۇۋاقلىرىدىن ئوت چىقارغۇچى، ئەتىگەندە (دۈشمەن ئۈستىگە) باستۇرۇپ كىرگۈچى، (قاتتىق چاپقانلىقتىن) توپا ـ چاڭ چىقارغۇچى، شۇ توپا ـ چاڭ بىلەن دۈشمەن توپى ئىچىگە كىرىپ كەتكۈچى ئاتلار بىلەن قەسەمكى(1ـ5)،