مۇھەممەد سالىھ — 595
90:19 بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار بەتبەختلەردۇر(19).
90:20 ئۇلار دوزاخقا سولىنىدۇ(20).
91:1 قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قەسەمكى(1)،
91:2 قۇياشقا ئەگەشكەن چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەمكى(2)،
91:3 قۇياشنى ئاشكارا قىلغان كۈندۈز بىلەن قەسەمكى(3)،
91:4 قۇياشنى يوشۇرغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى(4)،
91:5 ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى(5)،
91:6 زېمىن بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى(6)،
91:7 نەپس بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى(7ـ8)،
91:8 نەپس بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى(7ـ8)،
91:9 نەپسىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ(9).
91:10 نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى ـ فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ(10).
91:11 سەمۇد ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن (پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدى(11).
91:12 ئەينى زاماندا سەمۇدنىڭ ئەڭ بەتبەخت ئادىمى (مۆجىزە بولۇپ كەلگەن تۆگىنى) ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرىدى(12).
91:13 ئۇلارغا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالام): «ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە چېقىلماڭلار، ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسماڭلار» دېدى(13).
91:14 ئۇلار پەيغەمبەرنى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى) يالغانچى قىلدى، تۆگىنى ئۆلتۈردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدى، ئومۇميۈزلۈك ھالاك قىلدى(14).
91:15 ئاللاھ ئۇنىڭ (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلغانلىقنىڭ) ئاقىۋىتىدىن قورقمايدۇ(15).
92:1 قاراڭغۇلۇقى ئالەمنى قاپلىغان كېچە بىلەن قەسەمكى(1)،
92:2 يورۇغان چاغدىكى كۈندۈز بىلەن قەسەمكى(2)،
92:3 ئەر ـ ئايالنى ياراتقان زات ئاللاھ بىلەن قەسەمكى(3)،
92:4 سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلار شەك ـ شۈبھىسىز خىلمۇخىلدۇر(4).
92:5 (پۇل ـ مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك(5ـ6)،
92:6 (پۇل ـ مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك(5ـ6)،
92:7 ئۇنىڭغا بىز ياخشى يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز(7).
92:8 بېخىللىق قىلىپ (ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك(8ـ9)،
92:9 بېخىللىق قىلىپ (ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك(8ـ9)،