مۇھەممەد سالىھ — 528
53:45 ئاللاھ بىر جۈپنى ـ ئەركەك بىلەن چىشىنى ياراتتى(45).
53:46 ئېتىلىپ چىققان مەنىدىن (ياراتتى)(46).
53:47 (ھېساب ئۈچۈن ئىنسانلارنى) ئىككىنچى قېتىم يارىتىشنى ئۈستىگە ئالدى(47).
53:48 ئاللاھ ئىنساننى باي قىلالايدۇ ۋە (ئاز بىلەنمۇ) مەمنۇن قىلالايدۇ(48).
53:49 ئاللاھ شىئرا يۇلتۇزىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر(49).
53:50 ئۇ (يەنى ئاللاھ) قەدىمكى ئادنى ھالاك قىلدى(50).
53:51 سەمۇدنىمۇ (ھالاك قىلدى، ئۇلاردىن بىرىنىمۇ) قويمىدى(51).
53:52 ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى (ھالاك قىلغان ئىدى)، شۈبھىسىزكى، ئۇلار تېخىمۇ زالىم، تېخىمۇ سەركەش ئىدى(52).
53:53 . لۇت قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى، ئۇنى (دەھشەتلىك تاشلار) قاپلىۋالدى(53 ـ 54).
53:54 . لۇت قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى، ئۇنى (دەھشەتلىك تاشلار) قاپلىۋالدى(53 ـ 54).
53:55 ئىنسان!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ قايسىبىر نېمىتىدىن گۇمانلىنىسەن؟(55)
53:56 بۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئىلگىرىكى ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ جۈملىسىدىن بولغان بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر(56).
53:57 قىيامەت يېقىنلاشتى(57).
53:58 ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا كەشىپ قىلغۇچى (يەنى ئۇنىڭ ۋاقتىنى بىلگۈچى ياكى ئۇنىڭ ئازابىنى دەپئى قىلغۇچى) يوقتۇر(58).
53:59 (ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) مەسخىرە قىلىپ بۇ قۇرئاندىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟(59).
53:60 (ئۇنى ئاڭلىغان چاغدا) كۈلەمسىلەر؟ يىغلىمامسىلەر؟(60).
53:61 سىلەر غاپىلدۇرسىلەر(61).
53:62 ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار ۋە (ئۇنىڭغا) ئىبادەت قىلىڭلار(62).
54:1 قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى(1).
54:2 (قۇرەيش كۇففارلىرى) بىرەر مۆجىزىنى كۆرسىلا (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈپ، بۇ «داۋاملاشقۇچى سېھىردۇر» دېيىشىدۇ(2).
54:3 ئۇلار (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى) ئىنكار قىلدى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، (ياخشىلىقتىن يا يامانلىقتىن بولسۇن) ھەر ئىش (شۇ ئىشنىڭ ئەھلىنى جەننەتكە يا دوزاخقا) ئورۇنلاشتۇرغۇچىدۇر(3).
54:4 ئۇلارغا ھەقىقەتەن (قۇرئان) خەۋەرلىرىدىن ئىبرەت ئېلىنىدىغان مىقداردا نەرسە كەلدى(4).
54:5 مۇكەممەل ھېكمەت كەلدى، (ئاللاھ ئۇلارنى شەقى قىلغانلىقى ئۈچۈن) ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ پايدىسى بولمايدۇ(5).
54:6 ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، ئۇ كۈندە چاقىرغۇچى (يەنى ئىسراپىل) قىيىن ئىشقا (يەنى ھېسابقا) چاقىرىدۇ (يەنى سۇر چالىدۇ)(6).