مۇھەممەد سالىھ — 525
52:32 ئۇلارنىڭ ئەقلى ئۇلارنى مۇشۇنداق (سۆز) قىلىشقا بۇيرۇمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (كۇفرىدا) ھەددىدىن ئاشقان قەۋمدۇر(32).
52:33 ياكى ئۇلار: «(مۇھەممەد قۇرئاننى) ئۆزى توقۇدى» دېيىشەمدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (قۇرئانغا) ئىشەنمەيدۇ(33).
52:34 ئەگەر (مۇھەممەد ئۇنى توقۇدى دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، (تۈزۈلۈشتە، گۈزەللىكتە، باياندا) قۇرئانغا ئوخشايدىغان بىر سۆزنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار(34).
52:35 ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟(35)
52:36 ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟ بەلكى ئۇلار (ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە) ئىشەنمەيدۇ(36).
52:37 ئۇلارنىڭ يېنىدا پەرۋەردىگارىنىڭ خەزىنىلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلار (شەيئىلەرنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغان) (كائىناتنى) بويسۇندۇرغۇچىمۇ؟(37)
52:38 ياكى ئۇلارنىڭ (ئاسمانغا چىقىپ) سۆز تىڭشايدىغان شوتىسى بارمۇ؟ ئەگەر بولسا، ئۇلارنىڭ سۆز ئاڭلىغۇچىسى ئوچۇق بىر پاكىتىنى كەلتۈرسۇن(38).
52:39 ياكى ئاللاھنىڭ قىزلىرى، سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلار بارمۇ؟(39)
52:40 ياكى سەن ئۇلاردىن (دەۋىتىڭ ئۈچۈن) ھەق سوراپ، شۇ زىياندىن (ئۇلارغا) ئېغىر يۈك ئارتىلىپ قېلىپ (ئىمان ئېيتمامدۇ؟)(40)
52:41 ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىلمى غەيب بولۇپ (ئۇنىڭدىن غەيب نەرسىلەرنى) يېزىۋالامدۇ؟(41)
52:42 ياكى ئۇلار ساڭا ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتەمدۇ؟ كاپىرلارنىڭ ھىيلە ـ مىكىرلىرى مەغلۇپ بولىدۇ(42).
52:43 ياكى ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا مەبۇدى بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن (بۇتلىرىدىن) ئاللاھ پاكتۇر(43).
52:44 ئەگەر ئۇلار ئاسماننىڭ بىر پارچىسى چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە: «بۇ توپلاشقان بۇلۇتتۇر» دەيدۇ(44).
52:45 ئۇلارنى ھالاك قىلىدىغان كۈنگۈچە تەرك ئەتكىن(45).
52:46 ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ(46).
52:47 ئۇلار ئۇنىڭدىن (يەنى ئاخىرەتتىكى ئازابتىن) بۇرۇن (دۇنيادىمۇ بىر تۈرلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ)، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ(47).
52:48 پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى تەخىر قىلىش) ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ ھىمايىمىزدىدۇرسەن، (ئۇيقۇدىن) تۇرغان ۋاقتىڭدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن(48).
52:49 كېچىدىمۇ، يۇلتۇزلار پاتقاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن(49).