>

مۇھەممەد سالىھ — 521

51:7 يوللىرى بار ئاسمان بىلەن قەسەمكى، (7)

51:8 (پەيغەمبەر ھەققىدە) سىلەرنىڭ سۆزۈڭلار ھەقىقەتەن خىلمۇخىلدۇر(ـ8).

51:9 (ئاللاھتائالانىڭ ئىلمىي ئەزەلىسىدە ھىدايەتتىن) بۇرۇۋېتىلگەن ئادەم (قۇرئانغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈشتىن) بۇرۇۋېتىلىدۇ(9).

51:10 كاززاپلارغا لەنەت بولسۇنكى، (10)

51:11 ئۇلار جاھالەتكە چۆمگەن بولۇپ (ئاخىرەت ئىشىدىن) غەپلەتتىدۇر(ـ11).

51:12 ئۇلار رەسۇلۇللاھتىن: «قىيامەت قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ(12).

51:13 ئۇ بولسا ئۇ كۈندە دوزاختا ئازابلىنىدىغان كۈندۇر(13).

51:14 (دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا) «سىلەرگە قىلىنغان ئازابنى تېتىڭلار، مانا بۇ سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئالدىراتقان نەرسىدۇر» (دەيدۇ)(14).

51:15 شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە ۋە (ئېقىپ تۇرغان) بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ(15).

51:16 ئۇلار پەرۋەردىگارى ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (يەنى دۇنيادىكى چاغدا) ياخشى ئىش قىلغۇچىلار ئىدى(16).

51:17 ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى(17).

51:18 ئۇلار سەھەرلەردە (پەرۋەردىگارىدىن) مەغپىرەت تىلەيتتى(18).

51:19 ئۇلارنىڭ پۇل ـ ماللىرىدا سائىللار ۋە (ئىپپەتلىكلىكىدىن سائىللىق قىلمايدىغان) موھتاجلار ھوقۇققا ئىگە ئىدى (يەنى ئۇلار سائىللارغا ۋە موھتاجلارغا سەدىقە قىلاتتى)(19).

51:20 زېمىندا ۋە ئۆزۈڭلاردا ئاللاھقا چىن ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار، (بۇنى) كۆرمەمسىلەر(20ـ21).

51:21 زېمىندا ۋە ئۆزۈڭلاردا ئاللاھقا چىن ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار، (بۇنى) كۆرمەمسىلەر(20ـ21).

51:22 ئاسماندا سىلەرنىڭ رىزقىڭلار بار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان ساۋاب بار(22).

51:23 ئاسماننىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسە ئۆزۈڭلارنىڭ سۆزلەۋاتقىنىڭلاردەك (يەنى سۆزلىگىنىڭلارنىڭ ئۆزەڭلارغا ئېنىق بولغىنىدەك) ھەقتۇر(23).

51:24 (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ئىبراھىمنىڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرى يەتتىمۇ؟(24)

51:25 ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام دېدى، ئىبراھىم سالامنى ئىلىك ئالدى. (ئىچىدە) «ناتونۇش ئادەملەرغۇ» دېدى(25).

51:26 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىگە چىقىپ (پىشۇرۇلغان) بىر سېمىز موزاينى ئېلىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «يېمەمسىلەر» دېدى(26ـ27).

51:27 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىگە چىقىپ (پىشۇرۇلغان) بىر سېمىز موزاينى ئېلىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «يېمەمسىلەر» دېدى(26ـ27).

51:28 (ئۇلارنىڭ تاماق يېمىگەنلىكىنى كۆرۈپ) دىلىدا ئۇلاردىن قورقتى، ئۇلار «قورقمىغىن (بىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىلىرىمىز)» دېدى، ئۇلار ئىبراھىمغا بىلىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇشخەۋەر بەردى(28).

51:29 ئىبراھىمنىڭ ئايالى سۈرەن سېلىپ كېلىپ (ئەجەبلەنگەنلىكىدىن ئۆزىنىڭ) يۈزىنى كاچاتلاپ: «مەن تۇغماس موماي تۇرسام (قانداق تۇغىمەن؟)» دېدى(29).

51:30 ئۇلار: «پەرۋەردىگارىڭ شۇنداق دېدى. ئۇ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر» دېدى(30).