>

مۇھەممەد سالىھ — 52

3:16 ئۇلار (يەنى تەقۋادارلار): «پەرۋەردىگارىمىز! بىز شۈبھىسىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ(16).

3:17 ئۇلار (يەنى تەقۋادارلار) سەۋر قىلغۇچىلاردۇر، راستچىللاردۇر، (ئاللاھقا) ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، (ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل ـ ماللىرىنى) سەرپ قىلغۇچىلاردۇر ۋە سەھەرلەردە ئىستىغپار ئېيتقۇچىلاردۇر(17).

3:18 ئاللاھ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا گۇۋاھلىق بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. پەرىشتىلەرمۇ، ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(18).

3:19 ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى) دۇر. كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىنلا ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى (يەنى ئىسلامنىڭ ھەقلىقىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى روشەن پاكىتلار ئارقىلىق بىلىپ تۇرۇپ، كۆرەلمەسلىكتىن ئىنكار قىلىشتى). كىمكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن (ئاللاھ ئۇنى يېقىندا جازالايدۇ)، ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر(19).

3:20 (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن (دىن بارىسىدا) مۇنازىرەلەشسە: «ماڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن بىرلىكتە، مەن ئۆزەمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىلىرىگە بويسۇنغۇچىمىز)» دېگىن. كىتاب بېرىلگەنلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا) ۋە ئۇممىيلەرگە (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرىغا) : «مۇسۇلمان بولدۇڭلارمۇ؟» دېگىن، ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولسا، توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (ساڭا ھېچ زىيىنى يوق)، سېنىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتىڭ بار، ئاللاھ بەندىلىرىنى (يەنى ھەممە ئەھۋالىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(20).

3:21 ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلار، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرىدىغانلار، كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئادالەتكە بۇيرۇيدىغانلار (يەنى ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچىلار) نى ئۆلتۈرىدىغانلارغا چوقۇم قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن(21).

3:22 ئەنە شۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئەمەللىرى بىكار بولدى، ئۇلارغا ھېچ ياردەم قىلغۇچى يوقتۇر(22).