>

مۇھەممەد سالىھ — 519

50:16 بىز ھەقىقەتەن ئىنساننى ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭ جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز(16).

50:17 ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ خاتىرىلەيدىغان ئىككى پەرىشتە بار،(17)

50:18 ئۇ قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ، كۈزىتىپ تۇرىدۇ(ـ18).

50:19 ئۆلۈمنىڭ سەكراتى ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى (يەنى ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغۇچى ئاخىرەتنىڭ دەھشىتىنى ئېنىق كۆرىدۇ)، سەن ئۇنىڭدىن (يەنى ئۆلۈمدىن) قاچاتتىڭ(19).

50:20 سۇر چېلىنىدۇ، ئەنە شۇ (كۇففارلارغا) ئازاب ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر(20).

50:21 ھەر ئىنسان (مەھشەرگاھقا) كېلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن (ئۇنى مەھشەرگاھقا) ھەيدىگۈچى ۋە (ئۇنىڭ ئەمەلىگە) گۇۋاھ بولغۇچى (ئىككى پەرىشتە) بىللە كېلىدۇ(21).

50:22 ئۇنىڭغا: «ئى ئىنسان! (دۇنيادىكى چېغىڭدا) بۇ (ئېغىر كۈن) دىن غەپلەتتە ئىدىڭ، ئەمدى پەردەڭنى سەندىن كۆتۈرۋەتتۇق، بۈگۈن كۆزۈڭ ئۆتكۈردۇر» دېيىلىدۇ(22).

50:23 ئۇنىڭغا مۇئەككەل پەرىشتە: «مانا بۇ (نامە ـ ئەمال) ئالدىمدا تەيياردۇر» دەيدۇ(23).

50:24 (ئاللاھتائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاب قىلىپ) «ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار، ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار» (دەيدۇ)(24ـ26).

50:25 (ئاللاھتائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاب قىلىپ) «ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار، ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار» (دەيدۇ)(24ـ26).

50:26 (ئاللاھتائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاب قىلىپ) «ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار، ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار» (دەيدۇ)(24ـ26).

50:27 ئۇنىڭ ھەمراھى (بولغان شەيتان): «پەرۋەردىگارىمىز! مەن ئۇنى ئازدۇرمىدىم، لېكىن (ئۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن) چوڭقۇر گۇمراھلىقتا بولدى» (دەيدۇ)(27).

50:28 ئاللاھ: «مېنىڭ ئالدىمدا مۇنازىرىلەشمەڭلار (بۇ يەردە مۇنازىرە پايدا بەرمەيدۇ)، سىلەرنى مەن ئالدىنئالا (ئازابىمدىن) ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم،(28)

50:29 مېنىڭ سۆزۈم ئۆزگەرمەيدۇ، مەن بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسمەن» دەيدۇ(ـ29).

50:30 ئۇ كۈندە بىز جەھەننەمگە: «توشتۇڭمۇ؟» دەيمىز، جەھەننەم: «يەنە بارمۇ؟» دەيدۇ(30).

50:31 جەننەت تەقۋادارلارغا يىراق بولمىغان جايغا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ(31).

50:32 مانا بۇ (نېمەتتىن) سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر ئاللاھنىڭ (تائىتىگە) قايتقۇچى، (ئەمرىنى) ساقلىغۇچى ھەر بىر (بەندە) ئۈچۈندۇر(32).

50:33 كىمكى مېھرىبان ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قورقسا ۋە تەۋبە قىلغۇچى قەلب بىلەن كەلسە (ئۇلارغا) «جەننەتكە ئامانلىق بىلەن كىرىڭلار، بۇ مەڭگۈ قېلىش كۈنىدۇر» (دېيىلىدۇ)(33ـ34).

50:34 كىمكى مېھرىبان ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قورقسا ۋە تەۋبە قىلغۇچى قەلب بىلەن كەلسە (ئۇلارغا) «جەننەتكە ئامانلىق بىلەن كىرىڭلار، بۇ مەڭگۈ قېلىش كۈنىدۇر» (دېيىلىدۇ)(33ـ34).

50:35 جەننەتتە ئۇلارغا خالىغان نەرسىلەر بار ۋە بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدا (ئۇلارغا) زىيادە (نېمەتلەر) بار(35).