>

مۇھەممەد سالىھ — 504

46:15 بىز ئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئۇنىڭغا قورساق كۆتۈرۈش مۇددىتى ۋە ئۇنى سۈتتىن ئايرىش مۇددىتى 30 ئايدۇر. تاكى ئۇ (بوۋاق ئۆسۈپ) كۈچ ـ قۇۋۋەتكە تولۇپ، 40 ياشقا يەتكەندە، (ئۇ): «پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ ماڭا ۋە ئاتا ـ ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلىشىمنى ماڭا ئىلھام قىلغىن، مەن ئۈچۈن مېنىڭ ئەۋلادىمنى تۈزىگىن (يەنى مېنىڭ ئەۋلادىمنى ياخشى ئادەملەر قىلغىن)، مەن ھەقىقەتەن ساڭا (جىمى گۇناھلاردىن) تەۋبە قىلدىم، مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىندۇرمەن» دەيدۇ(15).

46:16 ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يامان ئىشلىرىنى كەچۈرۈم قىلىمىز، ئۇلار (ئاللاھ يامان ئىشلىرىنى كەچۈرگەنلەر بىلەن) جەننەتتە بولىدۇ، (بۇ) ئۇلارغا قىلىنغان راست ۋەدىدۇر(16).

46:17 بەزى ئادەم (يەنى ئاتا ـ ئانىسى ئىمانغا دەۋەت قىلغان فاجىر بالا): «ۋاي ـ ۋۇي! سىلەر مېنى قايتا تىرىلىشتىن قورقۇتۇۋاتامسىلەر، (مەندىن ئىلگىرى) نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتتى (ئۇلاردىن ھېچ ئادەم تىرىلدۈرۈلگىنى يوق)» دەيدۇ، ئۇ ئىككىسى ئاللاھقا پەرياد قىلىپ: «ۋاي ساڭا! ئىمان ئېيتقىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر» دەيدۇ. ئۇ: «بۇ پەقەت ئاۋالقىلاردىن قالغان ئەپسانىلەردۇر» دەيدۇ(17).

46:18 ئەنە شۇنداق كىشىلەرگە (ئاللاھنىڭ ئازاب قىلىش) سۆزى ھەقلىق بولدى، ئۇلار بولسا ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان ئۈممەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، ئۇلار ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچى بولدى(18).

46:19 (مۆمىنلەرنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ) ھەممىسىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا دەرىجىلىرى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى ۋە جازاسى (كەم ـ زىيادە قىلىنماي) تولۇق بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ(19).

46:20 كاپىرلار دوزاخقا توغرىلىنىدىغان كۈندە (ئۇلارغا ئەيىبلەش يۈزىسىدىن ئېيتىلىدۇ): «سىلەر لەززەتلىرىڭلارنى ھاياتىي دۇنيادا بەھرىمەن بولۇپ تۈگەتتىڭلار، سىلەر زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلىپ، ئىماندىن باش تارتقانلىقىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن، بۈگۈن خار قىلغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر»(20).