مۇھەممەد سالىھ — 482
41:47 قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىلىش پەقەت ئاللاھقا خاستۇر (يەنى قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى ئاللاھتىن باشقا كىشى بىلمەيدۇ). مېۋىلەرنىڭ بوغۇنلىرىدىن چىقىشى، ھەر قانداق چىشىنىڭ ھامىلدار بولۇشى ۋە تۇغۇشى ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا ئەمەستۇر، ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا: «مېنىڭ شېرىكلىرىم (يەنى سىلەر ماڭا شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەر) قەيەردە؟» دەپ نىدا قىلىدۇ، ئۇلار: «ساڭا مەلۇم قىلىمىزكى، ئارىمىزدا ھېچ كىشى (سېنىڭ شېرىكىڭ بار دەپ) گۇۋاھلىق بېرەلمەيدۇ» دەيدۇ(47).
41:48 ئۇلار ئىلگىرى (يەنى دۇنيادىكى چاغدا) چوقۇنغان مەبۇدلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ، ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قاچىدىغان جاي يوق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ(48).
41:49 ئىنسان (ئۆزىگە) ياخشىلىق تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق يېتىپ قالسا (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ(49).
41:50 ئەگەر بىز ئۇنىڭغا كۈلپەتتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «بۇ ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىمدىن كەلگەن، قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، مۇبادا (قىيامەت بولۇپ) مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ ئۇنىڭ دەرگاھىدا چوقۇم جەننەتكە ئېرىشىمەن» دەيدۇ. ئەلۋەتتە كاپىرلارغا قىلمىشلىرىنى خەۋەر قىلىمىز ۋە ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز(50).
41:51 ئىنسانغا نېمەت ئاتا قىلساق (پەرۋەردىگارىغا شۈكۈر قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ) ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە (ئاللاھقا يۈزلىنىپ) ئۈزلۈكسىز دۇئا قىلىدۇ(51).
41:52 (ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى) «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ (قۇرئان مەن ئېيتقاندەك) ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان بولسا، سىلەر (ئويلىماستىنلا ئۇنى ئىنكار قىلساڭلار، ھالىڭلار قانداق بولىدۇ). (ھەقتىن) يىراق ئىختىلاپتا بولغان كىشىدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ؟ (يەنى سىلەردىنمۇ گۇمراھ ئادەم يوق)»(52).
41:53 ئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغىچە، (ئاسمان ـ زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرىمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولۇشقا) ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ؟(53)
41:54 بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشتىن شەكلىنىدۇ، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(54).