>

مۇھەممەد سالىھ — 382

27:56 ئۇلارنىڭ بىردىن بىر جاۋابى: «لۇتنىڭ تەۋەلىرىنى شەھرىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىڭلار، ئۇلار پاك كىشىلەردۇر» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى(56).

27:57 بىز ئۇنى ۋە خوتۇنىدىن باشقا تەۋەلىرىنى قۇتقۇزدۇق، تەقدىرىمىز بىلەن ئۇنى (يەنى سالىھنىڭ خوتۇنىنى ئازابقا) قالغۇچىلاردىن قىلدۇق(57).

27:58 ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىز يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇردۇق. ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارغا ياغدۇرۇلغان يامغۇر نېمىدېگەن يامان!(58).

27:59 «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر! ئۇنىڭ (پەيغەمبەرلىككە) تاللىغان بەندىلىرىگە ئامانلىق تىلەيمەن!» دېگىن. ئاللاھ ياخشىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرى ياخشىمۇ؟(59).

27:60 ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۇنىڭ بىلەن گۈزەل باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن كىم؟ ئۇ باغلارنىڭ دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈش سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئۇلار (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەن قەۋمدۇر(60).

27:61 زېمىننى (ئىنسانلارغا ۋە ھايۋانلارغا) تۇرالغۇ قىلغان، ئۇنىڭ تۈرلۈك تەرەپلىرىدە دەريالارنى ئاققۇزغان، ئۇنىڭ ئۈستىدە (تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى ئورناتقان، ئىككى دېڭىز ئارىسىدا (يەنى تاتلىق سۇ بىلەن شورلۇق سۇ ئارىسىدا ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) توساقلارنى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ (باشقا ئىلاھ يوق) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تولىسى بىلمەيدۇ(61).

27:62 بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا (ئۇنىڭ دۇئاسىنى) ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ سىلەر ئازغىنا ۋەز ـ نەسىھەت ئالىسىلەر(62).

27:63 قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا سىلەرگە يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان، رەھمىتىدىن (يەنى يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىشتىن) ئىلگىرى شاماللارنى بېشارەت قىلىپ ئەۋەتىدىغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ (ھېچ ئىلاھ يوقتۇر) ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر(63).