>

مۇھەممەد سالىھ — 342

23:1 مۆمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى(1).

23:2 (شۇنداق مۆمىنلەركى) ئۇلار نامازلىرىدا (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن سۈر بېسىپ كەتكەنلىكتىن) ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر(2).

23:3 ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىشتىن يىراق بولغۇچىلاردۇر(3).

23:4 ئۇلار زاكات بەرگۈچىلەردۇر(4).

23:5 ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى (ھارامدىن) ساقلىغۇچىلاردۇر(5).

23:6 (يەنى ئەۋرەتلىرىنى) پەقەت خوتۇنلىرىدىن، چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن ساقلىغۇچىلاردۇر (بۇلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغۇچىلار مالامەت قىلىنمايدۇ)(6).

23:7 بۇنىڭ سىرتىدىن (جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇشنى) تەلەپ قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر(7).

23:8 ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر(8).

23:9 ئۇلار نامازلىرىنى (ۋاقتىدا، تەئدىل ئەركان بىلەن) ئادا قىلغۇچىلاردۇر(9).

23:10 ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە مۆمىنلەر نازۇ- نېمەتلىك جەننەتنىڭ) ۋارىسلىرىدۇر(10).

23:11 ئۇلار (يۇقىرى دەرىجىلىك جەننەت) فىردەۋسكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، فىردەۋستە مەڭگۈ قالىدۇ(11).

23:12 بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن لاينىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتۇق(12).

23:13 ئاندىن ئۇنى بىر پۇختا قارارگاھ (يەنى بەچچىدان) دا (جايلاشقان) ئابىمەنىي قىلدۇق(13).

23:14 ئاندىن ئابىمەنىينى لەختە قانغا ئايلاندۇردۇق، ئاندىن لەختە قاننى پارچە گۆشكە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن پارچە گۆشنى سۆڭەككە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن سۆڭەككە گۆش قوندۇردۇق، ئاندىن ئۇنى (جان كىرگۈزۈپ) باشقا مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق، ئەڭ ماھىر ياراتقۇچى ئاللاھ (ھېكمەت ۋە قۇدرەت جەھەتتىن) ئۇلۇغدۇر(14).

23:15 ئاندىن سىلەر چوقۇم ئۆلۈسىلەر(15).

23:16 ئاندىن سىلەر ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى (قەبرەڭلاردىن) تۇرغۇزۇلىسىلەر(16).

23:17 بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا يەتتە قەۋەت ئاسماننى ياراتتۇق، بىز مەخلۇقاتتىن غاپىل ئەمەسمىز(17).