مۇھەممەد سالىھ — 314
20:38 ئۆز ۋاقتىدا ئاناڭنىڭ كۆڭلىگە پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق بىلىنىدىغان نەرسىلەرنى سالدۇق»(38).
20:39 (ئېيتتۇقكى) «ئۇنى (يەنى بالىنى) ساندۇققا سالغىن، ئاندىن ئۇنى (ساندۇق بىلەن) دەرياغا تاشلىغىن، دەريا ئۇنى قىرغاققا تاشلىسۇن، ئۇنى مېنىڭ دۈشمىنىم ۋە ئۇنىڭ دۈشمىنى بولغان (پىرئەۋن) ئېلىپ (باقسۇن)». مېنىڭ قوغدىشىم ئاستىدا تەربىيەلىنىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەن تەرەپتىن بولغان مۇھەببەتنى سالدىم(39).
20:40 ئۆز ۋاقتىدا سېنىڭ ھەمشىرەڭ (پىرئەۋىننىڭ ئائىلىسىگە) بېرىپ: «سىلەرگە ئۇنى باقىدىغان بىر كىشىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى. بىز سېنىڭ ئاناڭنى خۇش بولسۇن، قايغۇرمىسۇن دەپ سېنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردۇق، سەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇڭ، سېنى بىز غەمدىن خالاس قىلدۇق، سېنى تۈرلۈك بالالار بىلەن سىنىدۇق، سەن مەديەنلىكلەر ئارىسىدا كۆپ يىللار تۇردۇڭ، ئاندىن، ئى مۇسا! تەقدىر بىلەن (بۇ يەرگە) كەلدىڭ(40).
20:41 سېنى مېنىڭ مۇھەببىتىمگە (يەنى پەيغەمبەر قىلىپ ۋەھىي نازىل قىلىشىمغا) تاللىدىم(41).
20:42 (ئى مۇسا!) سەن ۋە سېنىڭ قېرىندىشىڭ (ھارۇن) مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، مېنىڭ زىكرىمگە سۇسلۇق قىلىپ قالماڭلار(42).
20:43 پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى(43).
20:44 ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، ئۇ ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى ياكى (ھەددىدىن ئاشقانلىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن) قورقۇشى مۇمكىن(44).
20:45 ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بىزنى ئالدىراپ جازالىشىدىن ياكى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشىدىن قورقىمىز» دېيىشتى(45).
20:46 ئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر قورقماڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە (ئۇنىڭ سىلەرگە بەرگەن جاۋابىنى) ئاڭلاپ تۇرىمەن، (ئۇنىڭ سىلەرگە قىلىدىغانلىرىنى) كۆرۈپ تۇرىمەن(46).
20:47 سىلەر پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ، بىز ئىككىمىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسى بولىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى قويۇۋەتكىن، بىز بىلەن كەتسۇن، ئۇلارنى قىينىمىغىن. ساڭا بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ مۆجىزىسىنى ئېلىپ كەلدۇق، توغرا يولغا ئەگەشكەن ئادەم (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئامان قالىدۇ(47).
20:48 بىزگە شەك ـ شۈبھىسىز ۋەھىي قىلىندىكى، (ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەم (قاتتىق) ئازابقا دۇچار بولىدۇ، دەڭلار»(48).
20:49 (ئۇلار پىرئەۋنگە كېلىپ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنغان نەرسىلەرنى يەتكۈزگەندىن كېيىن) پىرئەۋن: «ئى مۇسا، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار كىم؟» دېدى(49).
20:50 مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىمىز شۇنداق زاتتۇركى، ھەممە نەرسىگە (ئۆزىگە مۇناسىپ) شەكىل ئاتا قىلدى، (ئاندىن ئۇلارغا ياشاش يوللىرىنى، پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى) كۆرسەتتى»(50).
20:51 پىرئەۋن ئېيتتى: «ئۆتۈپ كەتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ھالى قانداق؟ (يەنى قانداق بولغان؟) »(51)