>

مۇھەممەد سالىھ — 303

18:84 ئۇنىڭغا بىز زېمىندا ھەقىقەتەن كۈچ ـ قۇدرەت ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئۆز مەقسىتىگە يېتىشنىڭ پۈتۈن يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردۇق(84).

18:85 زۇلقەرنەين (ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن) يولغا ماڭدى(85).

18:86 ئۇ كۈنپېتىش تەرەپكە يېتىپ بارغاندا، كۈننىڭ قارا لايلىق بۇلاققا پېتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ بۇلاقنىڭ يېنىدا بىر تۈرلۈك قەۋمنى ئۇچراتتى. بىز: «ئى زۇلقەرنەين! سەن ئۇلارنى جازالىغىن ياكى ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن» دېدۇق(86).

18:87 زۇلقەرنەين ئېيتتى: «كىمكى زۇلۇم قىلغان بولسا، بىز ئۇنى جازالايمىز، ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇنى قاتتىق جازالايدۇ(87).

18:88 كىمكى ئىمان ئېيتسا ۋە ياخشى ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇنى قولاي ئىشقا بۇيرۇيمىز»(88).

18:89 ئاندىن زۇلقەرنەين (ئاللاھ ئۇنىڭغا قولايلىق قىلىپ بەرگەن) يولغا ماڭدى(89).

18:90 زۇلقەرنەين كۈنچىقىش تەرەپكە بارغاندا، كۈن نۇرىنىڭ شۇنداق بىر قەۋمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردىكى، ئۇ قەۋمگە بىز (كۈننىڭ ھارارىتىدىن) ساقلىنىدىغان (كىيىم، ئىمارەت قاتارلىق) نەرسىلەرنى ئاتا قىلمىدۇق(90).

18:91 ئەھۋال شۇنداق بولدى (يەنى زۇلقەرنەين كۈنچىقىش تەرەپتىكى كىشىلەرگىمۇ كۈنپېتىش تەرەپتىكى كىشىلەرگە قىلغان مۇئامىلىنى قىلدى). بىز ئۇنىڭ قولىدىكى نەرسىلەردىن تولۇق خەۋەردار ئىدۇق(91).

18:92 ئاندىن ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭغا قولايلىق قىلىپ بەرگەن) يولغا ماڭدى(92).

18:93 زۇلقەرنەين ئىككى تاغ ئارىسىغا يېتىپ بارغاندا، ئىككى تاغ ئالدىدا ھېچقانداق سۆزنى چۈشەنمەيدىغان (يەنى ئۆزىنىڭ تىلىدىن غەيرى تىلنى بىلمەيدىغان) بىر قەۋمنى ئۇچراتتى(93).

18:94 ئۇلار: «ئى زۇلقەرنەين! يەجۇج بىلەن مەجۇج يەر يۈزىدە ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردۇر، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا بىر قىسىم مېلىمىزنى (باجغا ئوخشاش) تۆلىسەك بولامدۇ؟» دېدى(94).

18:95 زۇلقەرنەين ئېيتتى: «ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن نەرسىلىرى (يەنى كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە پادىشاھلىق سىلەرنىڭ ماڭا بېرىدىغان مېلىڭلاردىن) ئارتۇقتۇر، ماڭا ئادەم كۈچى ياردەم قىلىڭلار، ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا مۇستەھكەم بىر توسما سېلىپ بېرەي(95).

18:96 ماڭا تۆمۈر پارچىلىرىنى ئېلىپ كېلىڭلار، (تۆمۈر پارچىلىرى دۆۋىلىنىپ) ئىككى تاغنىڭ ئارىسى تەكشى بولغاندا، كۆرۈكلەرنى بېسىڭلار». تۆمۈر پارچىلىرى (قىزىپ) ئوتتەك بولغاندا، ئۇ: «ماڭا (ئېرىتىلگەن مىسنى) بېرىڭلار، ئۈستىگە تۆكەي» دېدى(96).

18:97 ئۇلار (يەنى يەجۇج ـ مەجۇج) ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىشقىمۇ، ئۇنى تېشىشكىمۇ قادىر بولالمىدى(97).