>

مۇھەممەد سالىھ — 263

15:16 بىز ئاسماندا بۇرۇجلارنى ياراتتۇق ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئاسماننى (يۇلتۇزلار بىلەن) بېزىدۇق(16).

15:17 ھەر بىر قوغلاندى شەيتاندىن ئاسماننى قوغدىدۇق(17).

15:18 لېكىن (ئاسمان خەۋەرلىرىگە) ئوغرىلىقچە قۇلاق سالماقچى بولغان شەيتاننى روشەن ئاقار يۇلتۇز قوغلاپ يېتىدۇ (يەنى ھالاك قىلىدۇ)(18).

15:19 يەر يۈزىنى يېيىپ كەڭ قىلدۇق، ئۇنىڭغا تاغلارنى ئورناتتۇق، يەر يۈزىدە ھەرخىل ئۆلچەملىك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق(19).

15:20 يەر يۈزىدە سىلەر ئۈچۈن ۋە سىلەر رىزقىنى بېرەلمەيدىغانلار (يەنى خادىملار ۋە ھايۋانلار) ئۈچۈن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ياراتتۇق (ئۇلارنىڭ يېمەك ـ ئىچمەكلىرىنى سىلەر ئەمەس، بىز يارىتىمىز)(20).

15:21 قانداق نەرسە بولمىسۇن، ئۇنىڭ خەزىنىسى (يەنى خەزىنىنىڭ ئاچقۇچى) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىدۇر، بىز ئۇنى پەقەت مەلۇم مىقداردىلا چۈشۈرىمىز(21).

15:22 بىز يامغۇرنى ھەيدەيدىغان شاماللارنى ئەۋەتتۇق، بىز بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ سىلەرنى سۇغاردۇق، سىلەر ھەرگىز ئۇنى ساقلاشقا قادىر ئەمەسسىلەر(22).

15:23 بىز (ھەممىنى) تىرىلدۈرىمىز، (ھەممىنى) ئۆلتۈرىمىز ۋە (ھەممىگە) ۋارىسلىق قىلىمىز(23).

15:24 بىز سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنى ھەقىقەتەن بىلىمىز ۋە كېيىن كېلىدىغانلارنىمۇ ھەقىقەتەن بىلىمىز(24).

15:25 پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن (ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) ئۇلارنى يىغىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر(25).

15:26 شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىنسان (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام) نى قارا لايدىن ياسىلىپ شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن (چەكسە جىرىڭلايدىغان) قۇرۇق لايدىن ياراتتۇق(26).

15:27 جىنلار (يەنى شەيتانلار ۋە ئۇلارنىڭ باشلىقى ئىبلىس) نى ئىلگىرى تۈتۈنسىز ئوت يالقۇنىدىن ياراتقان ئىدۇق(27).

15:28 پەرۋەردىگارىڭ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن قارا لايدىن ياسىلىپ شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن (چەكسە جىرىڭلايدىغان) قۇرۇق لايدىن ئىنسان (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام) نى يارىتىمەن(28).

15:29 مەن ئۇنى تولۇق ياراتقان (يەنى ئۇنى يارىتىپ سۈرەتكە كىرگۈزۈپ، ئەزالىرى تولۇق ۋە مۇكەممەل ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرگەن) ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن چېغىمدا، سىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار) »(29).

15:30 پەرىشتىلەرنىڭ بىرىمۇ ئايرىلىپ قالماي ھەممىسى (ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) سەجدە قىلدى(30).

15:31 پەقەت ئىبلىسلا سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى(31).