>

مۇھەممەد سالىھ — 247

12:96 خۇشخەۋەرچى كېلىپ كۆڭلەكنى يەئقۇبنىڭ يۈزىگە تاشلىدى، ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلدى، يەئقۇب: «مەن سىلەرگە، ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن سىلەر بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىمەن، دېمىگەنمىدىم!» دېدى(96).

12:97 ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن بىزگە مەغپىرەت تىلىگىن، بىز ھەقىقەتەن خاتالاشتۇق» دېيىشتى(97).

12:98 يەئقۇب: «پەرۋەردىگارىمدىن سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيمەن. ئاللاھ گۇناھلارنى ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر» دېدى(98).

12:99 ئۇلار يۇسۇفنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، يۇسۇف ئاتا ـ ئانىسىنى قۇچاقلىدى ۋە: «خۇدا خالىسا، مىسىرغا ئامان ـ ئېسەن كىرىڭلار» دېدى(99).

12:100 ئاتا ـ ئانىسىنى تەختىدە (يېنىدا) ئولتۇرغۇزدى، ئۇلار (شاھلارغا تازىم قىلىش ئادىتى بويىچە) يۇسۇفكە سەجدە قىلىشتى. ئۇ: «ئى ئاتا! مانا بۇ، بۇرۇن (كىچىك ۋاقتىمدا) كۆرگەن چۈشۈمنىڭ تەبىرىدۇر، ئۇ چۈشۈمنى پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن راستىغا چىقاردى. پەرۋەردىگارىم مېنى زىنداندىن چىقىرىش بىلەن، قېرىنداشلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارامنى شەيتان بۇزغاندىن كېيىن، سىلەرنى سەھرادىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىش بىلەن ماڭا ئېھسان قىلدى. پەرۋەردىگارىم خالىغىنىنى (ئىشقا ئاشۇرۇشقا) ھەقىقەتەن تەدبىرلىكتۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(100).

12:101 پەرۋەردىگارىم! ماڭا ھەقىقەتەن پادىشاھلىق ئاتا قىلدىڭ، چۈش تەبىرىنى بىلدۈردۈڭ، ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، مېنى مۇسۇلمان پېتىمچە قەبزى روھ قىلغىن، مېنى ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىلغىن» دېدى(101).

12:102 مانا بۇلار (يەنى يۇسۇف قىسسەسى) بىر قىسىم غەيب خەۋەرلىرى بولۇپ، بىز ئۇنى ساڭا ۋەھىي قىلدۇق. ئۇلار (يەنى يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى) (ئۇنىڭغا قارشى) چارە -تەدبىر تۈزۈپ بىر قارارغا كېلىشكەندە، سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ(102).

12:103 سەن گەرچە كىشىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا ھېرىس بولساڭمۇ ،(لېكىن) ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتمايدۇ(103).