مۇھەممەد سالىھ — 162
7:88 شۇئەيب قەۋمىنىڭ (ئىماندىن باش تارتقان) تەكەببۇر چوڭلىرى: «ئى شۇئەيب! سېنى چوقۇم ئەگەشكۈچىلىرىڭ (يەنى ساڭا ئىمان ئېيتقانلار) بىلەن قوشۇپ شەھىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىمىز، ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك» دېدى. شۇئەيب: «بىز (بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى) يامان كۆرىدىغان تۇرساق (بىزنى يەنىلا شۇنىڭغا مەجبۇر قىلامسىلەر؟)» دېدى(88).
7:89 (شۇئەيب يەنە ئېيتتى) «ئاللاھ بىزنى سىلەرنىڭ دىنىڭلاردىن قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قايتساق، ئەلۋەتتە، ئاللاھقا يالغان چاپلىغان بولىمىز. پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ خالىسىلا، بىز سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا قايتمايمىز. پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىلمى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاللاھقا تەۋۋەككۈل قىلدۇق (يەنى ھەممە ئىشىمىزنى ئاللاھقا تاپشۇرىمىز). پەرۋەردىگارىمىز! بىز بىلەن قەۋمىمىزنىڭ ئارىسىدا ھەق ھۆكۈم چىقارغىن، سەن ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇرسەن»(89).
7:90 ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئىمانسىز چوڭلىرى: «ئەگەر سىلەر شۇئەيبكە ئەگەشسەڭلار، شۈبھىسىزكى، چوقۇم زىيان تارتىسىلەر» دېدى(90).
7:91 ئۇلارغا قاتتىق زىلزىلە يۈزلەندى، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى(91).
7:92 شۇئەيبنى ئىنكار قىلغانلار (ئاللاھنىڭ ھالاك قىلىشى بىلەن) گويا بۇ يەردە تۇرمىغاندەك (يەنى ياشىمىغاندەك) بولۇپ قالدى. شۇئەيبنى ئىنكار قىلغانلار زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى(92).
7:93 شۇئەيب ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلىپ: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە مەن ھەقىقەتەن پەرۋەدىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم ۋە نەسىھەت قىلدىم، مەن قانداقمۇ كاپىر قەۋمگە قايغۇراي!» دېدى(93).
7:94 بىز مەيلى قايسى شەھەرگە بولسۇن، بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساق (شەھەر ئەھلى ئۇنى ئىنكار قىلغان بولسا)، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا يالۋۇرۇشلىرى (تەۋبە قىلىشلىرى) ئۈچۈن، ئۇلارنى نامراتلىققا، كېسەللىككە گىرىپتار قىلدۇق(94).
7:95 ئاندىن (ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن) كۈلپەتنى نېمەتكە ئايلاندۇردۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۆپەيدى. ئۇلار: «بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ بېشىغا ھەقىقەتەن كۈلپەتلەر، نېمەتلەر كەلگەن ئىدى (بۇ ـ زاماننىڭ ئادىتى؛ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ئوقۇبەت ئەمەس)» دېدى. ئۇلار خەۋەرسىز تۇرغاندا، ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت ھالاك قىلدۇق(95).