>

مۇھەممەد سالىھ — 152

7:12 ئاللاھ (ئىبلىسقا): ‹‹سېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان چېغىمدا نېمىشقا سەجدە قىلمىدىڭ؟» دېدى. ئىبلىس: ‹‹مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق. مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى(12).

7:13 ئاللاھ (ئىبلىسقا) ئېيتتى: «سەن بۇ يەردىن (يەنى جەننەتتىن) چۈشۈپ كەت، بۇ يەردە ئۆزەڭنى چوڭ تۇتۇشۇڭغا بولمايدۇ، يوقال، سەن ھەقىقەتەن پەسكەشلەردىنسەن» (13).

7:14 ئىبلىس: ‹‹ماڭا كىشىلەر قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگۈچە (يەنى قىيامەت كۈنىگۈچە) مۆھلەت بەرگىن» دېدى(14).

7:15 ئاللاھ: ‹‹ساڭا مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى(15).

7:16 ئىبلىس ئېيتتى: ‹‹ مېنى ئازدۇرغانلىقىڭ سەۋەبلىك ئۇلار (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا ۋەسۋەسە قىلىش) ئۈچۈن چوقۇم توغرا يولۇڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن(16).

7:17 ئاندىن ئۇلارغا چوقۇم ئالدىدىن، ئارقىسىدىن، ئوڭىدىن، سولىدىن ھۇجۇم قىلىمەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ (نېمىتىڭگە) شۈكۈر قىلغۇچىلار ئەمەسلىكىنى كۆرىسەن››(17).

7:18 ئاللاھ ئېيتتى: ‹‹جەننەتتىن ئەيىبلەنگەن ۋە (رەھمىتىمدىن) مەھرۇم قىلىنغان ھالدا چىق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قوشۇپ، ھەممىڭلار بىلەن چوقۇم جەھەننەمنى تولدۇرىمەن››(18).

7:19 ‹‹ئى ئادەم! سەن ئايالىڭ بىلەن ئىككىڭلار بىللە جەننەتتە تۇرۇڭلار، جەننەتنىڭ مېۋىلىرىدىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار، (ئۇنىڭغا يېقىنلاشساڭلار) زالىملاردىن بولۇپ قالىسىلەر» (19).

7:20 ئاندىن شەيتان ئۇلارنىڭ يېپىقلىق ئەۋرەتلىرىنى ئېچىۋېتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ۋەسۋەسە قىلدى، شەيتان ئېيتتى: ‹‹پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشنى مەنئى قىلغانلىقى پەقەت سىلەرنىڭ پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى (جەننەتتە) مەڭگۈ تۇرۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر››(20).

7:21 شۇنىڭدەك ئۇلارغا: ‹‹مەن چوقۇم سىلەرگە سادىقمەن›› دەپ قەسەم ئىچىپ بەردى(21).

7:22 ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇلارنى (يۇقىرى مەرتىۋىدىن تۆۋەن مەرتىۋىگە) چۈشۈردى. دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگەندىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەتتىكى دەرەخلەرنىڭ ياپراقلىرى بىلەن ئەۋرەتلىرىنى يېپىشقا كىرىشتى. ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى (ئۇلارغا كايىپ): «مەن سىلەرگە بۇ دەرەخنى (يەنى مېۋىسىنى) يېيىشنى مەنئى قىلمىغانمىدىم؟ شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر، دېمىگەنمىدىم؟›› دەپ نىدا قىلدى(22).