>

مۇھەممەد سالىھ — 127

5:114 مەريەم ئوغلى ئىيسا: «ئى پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ! بىزگە ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرگىن، بۇ كۈن بىزلەرگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە بايرام بولۇپ قالسۇن، ئۇ داستىخان سەندىن بىزگە (قۇدرىتىڭنى ۋە پەيغەمبەرلىكىمنى كۆرسىتىدىغان) بىر مۆجىزە بولۇپ قالسۇن. بىزگە رىزىق بەرگىن، سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىسەن» دېدى(114).

5:115 ئاللاھ (ئىيسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ): «ئۇنى مەن سىلەرگە چوقۇم (ئاسماندىن) چۈشۈرىمەن، سىلەردىن كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن كاپىر بولسا، ئۇنى شۇنداق بىر ئازاب بىلەن ئازابلايمەنكى، ئەھلى جاھاندىن ھېچ كىشىنى مۇنداق ئازابلىمايمەن» دېدى(115).

5:116 ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! سەن كىشىلەرگە، ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار، دېدىڭمۇ؟» ئىيسا ئېيتتى: «(رەببىم!) شەنىڭگە لايىق ئەمەس نەرسىلەردىن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەنكى، ماڭا ئېيتىشقا تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى مەن ئېيتمايمەن. ئەگەر مەن بۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، ئۇنى سەن چوقۇم بىلىسەن (يەنى مېنىڭ ئۇنداق دېمىگەنلىكىم ساڭا مەلۇملۇق). سەن مېنىڭ زاتىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ زاتىڭدىكىنى بىلمەيمەن، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن(116).

5:117 مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان سۆزنى، يەنى مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، دېدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى قەبزى روھ قىلغىنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ، سەن ھەممە نەرسىدىن خەۋەردارسەن(117).

5:118 ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر (ئۇلارنى خالىغىنىڭچە تەسەررۇپ قىلىسەن). ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن (ئىشىڭدا) غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن»(118).

5:119 ئاللاھ ئېيتىدۇ: «بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) راستچىللارنىڭ راستچىللىقى ئۆزىگە پايدا قىلىدىغان كۈندۇر، ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلار ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ، بۇ زور بەختتۇر»(119).

5:120 ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر(120).