مۇھەممەد سالىھ — 10
2:62 شۈبھىسىزكى، مۆمىنلەر، يەھۇدىيلار، ناسارالار (ئارىسىدىن) ۋە پەرىشتىلەرگە، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار ئارىسىدىن ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ قېشىدا ئۆز ئەجرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار غەم – ئەندىشە قىلمايدۇ(62).
2:63 ئۆز ۋاقتىدا، بىز سىلەردىن چىن ۋەدە ئالغان ۋە تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلەپ قويغان، سىلەرگە: «(دۇنيادا ھالاك بولۇشتىن، ئاخىرەتتە ئازابقا قېلىشتىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن بىز بەرگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار (يەنى تەۋراتقا ئەمەل قىلىڭلار)، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار» (دېگەن ئىدۇق)(63).
2:64 شۇنىڭدىن كېيىن (بەرگەن ۋەدەڭلاردىن) يۈز ئۆرۈدۈڭلار، سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى ـ مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولاتتىڭلار(64).
2:65 ئاراڭلاردىكى شەنبە كۈنى (بېلىق تۇتماسلىق) توغرىسىدىكى شەرىئەت چەكلىمىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى (قانداق قىلغانلىقىمىزنى)، ئەلۋەتتە بىلىسىلەر، بىز ئۇلارغا: «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېدۇق(65).
2:66 ئۇنى (يەنى ئۇلارغا بېرىلگەن بۇ جازانى) زامانداشلىرى ۋە كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئىبرەت، تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەت قىلدۇق(66).
2:67 ئۆز ۋاقتىدا، مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇيدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟» دېدى. مۇسا: «جاھىللاردىن (يەنى مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن) بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېدى(67).
2:68 ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە قانداق كالا ئىكەنلىكىنى بايان قىلسۇن» دېدى. مۇسا: «ئاللاھ ئۇنى قېرىمۇ ئەمەس، ياشمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا ياش بولسۇن، دەپ ئېيتتى، سىلەر بۇيرۇلغاننى قىلىڭلار» دېدى(68).
2:69 ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە ئۇنىڭ رەڭگىنى بايان قىلسۇن» دېدى. مۇسا ئېيتتىكى، «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ رەڭگى قارىغۇچىلارنى زوقلاندۇرىدىغان ساپسېرىق بولسۇن دېدى»(69).