مۇختەسەر تەفسىر
وَلَقَدْ جِئْنَـٰهُم بِكِتَـٰبٍ فَصَّلْنَـٰهُ عَلَىٰ عِلْمٍ هُدًى وَرَحْمَةً لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ ﴿٥٢﴾
ھەقىقەتەن بىز ئۇلارغا مۇشۇ قۇرئاننى ئېلىپ كەلدۇقكى، ئۇ - مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان كىتابتۇر. بىز ئۇنى ئىلىمگە ئاساسلىنىپ شۇنداق تەپسىلىي بايان قىلدۇق. ئۇ مۇئمىنلەرنى توغرا ۋە ھەق يولغا يېتەكلىگۈچىدۇر ھەمدە دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىغا يېتەكلىگۈچى بولغانلىقى ئۈچۈن مۇئمىنلەرگە رەھمەتتۇر.