×

الأعراف

ئايەت 186

مۇختەسەر تەفسىر

مَن يُضْلِلِ ٱللَّهُ فَلَا هَادِىَ لَهُۥ ۚ وَيَذَرُهُمْ فِى طُغْيَـٰنِهِمْ يَعْمَهُونَ ﴿١٨٦﴾

ئاللاھ كىمنى ھەقىقەتكە ھىدايەت قىلمىسا ۋە ئۇنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇۋەتسە ئۇنى توغرا يولغا باشلايدىغان ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ئازغۇنلىقى ۋە كۇپۇرلىقىغا تاشلاپ قويىدۇ، ئۇلار تېڭىرقاپ توغرا يولغا ماڭالمايدۇ.