مۇختەسەر تەفسىر
وَءَاخَرِينَ مِنْهُمْ لَمَّا يَلْحَقُوا۟ بِهِمْ ۚ وَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ ﴿٣﴾
ئاللاھ تائالا بۇ پەيغەمبەرنى ئەرەبلەردىن ۋە تېخى دۇنياغا ئاپىرىدە بولمىغان، ئەمما كەلگۈسىدە دۇنياغا كېلىدىغان باشقا مىللەتلەردىن ئەڭ ئاخىرقى قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. ئاللاھ ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان غالىبتۇر. يارىتىشىدا، ئەمىر - پەرمانلىرىدا ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.