×

الأنعام

ئايەت 50

مۇختەسەر تەفسىر

قُل لَّآ أَقُولُ لَكُمْ عِندِى خَزَآئِنُ ٱللَّهِ وَلَآ أَعْلَمُ ٱلْغَيْبَ وَلَآ أَقُولُ لَكُمْ إِنِّى مَلَكٌ ۖ إِنْ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰٓ إِلَىَّ ۚ قُلْ هَلْ يَسْتَوِى ٱلْأَعْمَىٰ وَٱلْبَصِيرُ ۚ أَفَلَا تَتَفَكَّرُونَ ﴿٥٠﴾

ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە: مەندە ئاللاھنىڭ رىزىق خەزىنىلىرى بار، ئۇنى ئۆزۈم خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىمەن دېمەيمەن، ئاللاھ مېنى خەۋەردار قىلغان ۋەھىيدىن باشقا غەيىبنى بىلىمەنمۇ دېمەيمەن، يەنە: مەن پەرىشتىلەر ئىچىدىن بىر پەرىشتىمۇ دېمەيمەن. چۈنكى مەن ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بىر پەيغەمبەرمەن، پەقەت ئۆزۈمگە ۋەھىي قىلىنغانغىلا ئەمەل قىلىمەن، ئۆزۈمگە ئائىت بولمىغان نەرسىنى دەۋا قىلمايمەن. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، كۆزى ھەقتىن كور بولغان كاپىر بىلەن ھەقىقەتنى كۆرۈپ، ئىمان ئېيتقان مۇئمىن باراۋەر بولامدۇ؟ ئەي مۇشرىكلار! ئەتراپىڭلاردىكى مۆجىزىلەرگە قاراپ ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟