×

الأنعام

ئايەت 48

مۇختەسەر تەفسىر

وَمَا نُرْسِلُ ٱلْمُرْسَلِينَ إِلَّا مُبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَ ۖ فَمَنْ ءَامَنَ وَأَصْلَحَ فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ ﴿٤٨﴾

بىز قانداق بىر قەۋمگە بىر پەيغەمبەر ئەۋەتمەكچى بولساق، پەقەتلا ئىمان ۋە ئىتائەت ئەھلىنى تۈگەپ كەتمەيدىغان ۋە ئۈزۈلۈپمۇ قالمايدىغان مۇقىم نېئمەتلەردىن ئىبارەت ئۇلارنى خۇرسەن قىلىدىغان بېشارەتلەردىن خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن، كاپىرلارنى ۋە ئاسىيلارنى قاتتىق ئازابىمىزدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىمىز. پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىپ، ئەمىلىنى تۈزەتكەنلەرگە ئاخىرەتتىكى كەلگۈسىدىن قورقۇش، دۇنيا نېسىۋىلىرىدىن قولدىن كەتكۈزۈپ قويغانلىرىغا قايغۇرۇش ۋە ھەسرەت چېكىش بولمايدۇ.